تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ئىش قىلدى، كونا ئولتۇراق رايوننىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى

قەشقەر ۋىلايىتى:

تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ئىش قىلدى، كونا ئولتۇراق رايوننىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى قەشقەر مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ ۋېنبو، پەن يەنيۈن

«ئىلگىرى سۇ ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە سۇ بېسىمى يېتىشمەي، سۇ ئىشلىتىش ناھايىتى قىيىن ئىدى؛ بولۇپمۇ پار بېرىلگەندە، ئۆيلەر تۈزۈك ئىسسىمايتتى... ھازىر ئەھۋال ئۆزگەردى، سۇ، پار بىلەن تەمىنلەيدىغان تۇرۇبا يولى راۋانلىشىپلا قالماستىن، يەنە ئولتۇراق رايون پاكىز، رەتلىك بولۇپ، كۆڭلىمىز ئازادە بولۇپ قالدى» دېدى قەشقەر شەھەرلىك ھايۋانات سەھىيە نازارەتچىلىكى ئورنى ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ ئاھالىسى روشەنگۈل مامۇت 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرگەن ئولتۇراق رايونغا قاراپ تۇرۇپ.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى تۈرى قىلىپ، قەشقەر شەھەرلىك ھايۋانات سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا ئوخشاش قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ كونا قىياپىتىنى يېڭىلىدى.

قەشقەر ۋىلايىتى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا ئاھالىلەر ۋەكىللىرى، مەھەللە ۋە مۈلۈك باشقۇرۇش مەسئۇللىرىنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش ۋاقىت تەرتىپىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردى. پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاھالە كومىتېتى، مۈلۈك ئىگىلىرى كومىتېتى قاتارلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش، نازارەتچىلىك ـ يېتەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يانداش ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلىدى.

«ئىلگىرى ئولتۇراق رايوننىڭ توك بىلەن تەمىنلەيدىغان سىم يوللىرى قالايمىقان تارتىلغان بولۇپ، ئىنتايىن زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى سىم يوللىرى بىۋاسىتە يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ، بىخەتەرلىك كوئېففىتسېنتى زور دەرىجىدە ئۆستى.» پوسكام ناھىيەسى پوسكام بازىرىنىڭ باغچى مەھەللىسى مەركىزىي باغچە ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەر بۇ ئۆزگىرىشنى ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي ماختاشتى.

مەركىزىي باغچە ئولتۇراق رايونىغا ئوخشاش، نۇرغۇن كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى بىرقەدەر بالدۇر بولغاچقا، ئۇل ئەسلىھەلىرى ئېغىر دەرىجىدە كونىراپ، يول يۈزى ئوڭغۇل ـ دوڭغۇل بۇزۇلۇپ كەتكەن، يورۇتۇش ئەسلىھەلىرى كونىراپ كەتكەن، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كەمچىل ئىدى؛ پار بىلەن تەمىنلەش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، كېرەكسىز سۇلارنى چىقىرىۋېتىش تۇرۇبا يوللىرى كونىراپ توسۇلۇپ قالغان، خەۋەرلىشىش سىم يوللىرى ئۆز ئالدىغا قالايمىقان ئۇلانغان بولۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغانىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، پۈتكۈل مەركىزىي باغچە ئولتۇراق رايونىغا نەزەر سالساق، ئۆيلەرنىڭ سىرتقى تېمى قايتىدىن سىرلىنىپ يېڭى تۈسكە كىرگەنلىكىنى، يەر يۈزى پاكىز، رەتلىك، ئاپتوموبىل توختاش ئورنىنىڭ سىزىقلىرى ئېنىق ئىكەنلىكىنى، ئولتۇراق رايوننىڭ ئىچىدىن تېشىغىچە بىر قېتىم ئۈزۈل ـ كېسىل چوڭ «رېمونت» قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ھازىرغا قەدەر، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 2021 ـ يىللىق شەھەر ـ بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى 201 ئولتۇراق رايون، 616 بىنا، 14 مىڭ 549 ئائىلە، 1 مىليون 150 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر كۆلەمگە چېتىشلىق بولۇپ، 14 مىڭ 549 ئائىلىدە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، قۇرۇلۇش باشلاش نىسبىتى %100 بولۇپ، 7606 ئائىلىدە قۇرۇلۇش تاماملاندى.

قەشقەر ۋىلايىتى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا، ھەرقايسى كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىش پىلانىنى «ئېھتىياجغا قاراپ تۈزۈپ»، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كونا ئولتۇراق رايونلاردا سۇ، توك، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈردى، كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ كۆكەرتىش بەلبېغىنى ئوڭشاپ، ئاممىۋى يېشىللىق، ئىستىراھەت مەيدانى قاتارلىق ئاممىۋى بوشلۇقلارنى كۆپەيتتى، ئوت ئۆچۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇردى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش نۇقتىسى، توسالغۇسىز يول، توك قاچىلاش تۈۋرۈكى، چېنىقىش سايمانلىرى، ئىستىراھەت كىچىك مەيدانى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ تەسىس قىلدى، بۇنداق «ئۆلچەملىك سەپلىمە» پۇقرالارغا تېخىمۇ كۆپ بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى.

2021 ـ يىلى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلاردا ئۆزگەرتىلگەن سۇ بىلەن تەمىنلەش، كېرەكسىز سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبا تورى 82 كىلومېتىر، توك بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسى 43.36 كىلومېتىر، پار بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسى 36.68 كىلومېتىر بولدى، قۇرۇلۇشتا ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش كۆلىمى 376 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولدى، 51 ئولتۇراق رايوندىكى 4270 ئائىلىگە قارىتا توك بىلەن تەمىنلەش بويىچە ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلدى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى تۈرگە ئايرىلغان ئولتۇراق رايوندىن 22سى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، 4030 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان مەدەنىيەت ئىستىراھەت مەيدانى، 1260 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان تەنتەربىيە چېنىقىش مەيدانى، 2130 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەيدان ـ سورۇنى قۇرۇلدى، 4414 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.