تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاشلىقنى ئىلمىي ساقلاش، زىياننى ئازايتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش

− ئاشلىق تېجەش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر (2)

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

بىر تال بۇغداي، بىر تال گۈرۈچنىمۇ قەدىرلەش.

بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئاشلىقتىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئېلىنىپ، ھوسۇلدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلدى. ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى ئاشلىق تېجەش، زىياننى ئازايتىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىقنى ئىلمىي ساقلىشىغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى زىياننى ئازايتىپ، پايدىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئەلالاشتۇرۇلدى

بىر قېتىملىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش تېرىقچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىكى مول ھوسۇل ئېلىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئامباردا ساقلاشقىچە يەنە پىششىقلاشقىچە بولغان پۈتۈن ھالقىلىق ماس ئايلىنىشتۇر.

قولايلىق بولغان ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنىڭ پايدىسى بىلەن، ساۋەن شەھىرى شىگېبى بازىرى جىنخېپەن كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقان چېن چىڭلى ئائىلىسى بۇ يىل بۇغدايدىن يەنە مول ھوسۇل ئالدى. «ھەم پۇلنى تېجىدۇق، ھەم كۈچنى تېجىدۇق، يەنە يۇقىرى سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلدۇق.» چېن چىڭلى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇغداي پىشقاندىن كېيىن، ئۆزىمىز ئالاقىلىشىپ كومبايىن بىلەن يىغىۋېلىپ، ئاندىن خاماندا يېيىپ قۇرۇتۇپ، سورۇپ تازىلىغاندىن كېيىن يەنە ئاپتوموبىل ئالاقىلىشىپ ئاشلىق پونكىتىغا ئاپىرىپ ساتاتتۇق، تەرتىپ كۆپ بولغاچقا، خوراشمۇ كۆپ بولاتتى، ئەگەر باشقۇرۇش جايىدا بولمىسا، يەنە بۇغداينىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىپ، كىرىم ئازلاپ كېتەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، شۇ جايدىكى سېتىۋېلىش كارخانىلىرى تەمىنلىگەن «ۋاكالىتەن تازىلاش، ۋاكالىتەن قۇرۇتۇش، ۋاكالىتەن ساقلاش، ۋاكالىتەن پىششىقلاش، ۋاكالىتەن سېتىش» مۇلازىمىتى ئارقىلىق چېن چىڭلى پەقەت يىغىۋالغان بۇغداينى سېتىۋېلىش كارخانىلىرىغا يەتكۈزۈپ بەردى، كارخانا تازىلاپ تاسقاپ بەردى ھەم كەسىپلەشكەن ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭ بىلەن سېتىش تەننەرخى تېجىلىپ، يىغىۋېلىش ۋە توشۇش ھالقىسىدىكى ئاشلىق زىيىنى ئازايدى.

«ھەر مو يەردىكى بۇغدايدىن يەتتە كىلوگىرام ئەتراپىدا خوراشنى ئازايتقىلى بولىدۇ، توشۇش ھەققى، تازىلاش ھەققىدىن ھەر كىلوگىرامدىن يەنە تۆت ـ بەش پۇڭ تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.» چېن چىڭلى مۇنداق دېدى: قولايلىق بولغان ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخنى تېجەپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشى» ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ھازىر بار بولغان ساقلاش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ساقلانما بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ جانلاندۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كەسىپلەشكەن تىجارەت خاراكتېرلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنى ۋاكالىتەن تازىلاش، ۋاكالىتەن قۇرۇتۇش، ۋاكالىتەن ساقلاش، ۋاكالىتەن پىششىقلاش، ۋاكالىتەن سېتىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانلار ئۈچۈن «ئاشلىق قۇرۇتۇش تەس بولۇش، ئاشلىق ساقلاش تەس بولۇش، سېتىش تەس بولۇش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ تەننەرخنى تېجەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى زىياننى ئازايتتى.

نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەركىزىدىن 84ى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تەسىر كۆرسەتكەن رايوندىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 23 مىليون 100 مىڭ مو بولۇپ، قاپلانغان رايوندىكى ئاشلىقنىڭ زىيانغا ئۇچراش، خوراش، ئىسراپ بولۇش ۋە كۆكىرىپ زىيانغا ئۇچراش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەپ، ئاشلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، زىياننى ئازايتىش ۋە ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

ئامباردا ساقلاش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى

بارغانسېرى كۆپ ئاشلىق سېتىۋېلىش ھالقىسى ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان ئاشلىق ئامبارلىرىغا كىرگۈزۈلۈپ، يېشىل، ئىلمىي ساقلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاشلىق ساقلاش سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

قەشقەر شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ جامەي لېكې ئاشلىق زاپاس ساقلاش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاشلىق زاپاس ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانا بولۇپ، لايىھەدىكى ئامبار سىغىمى 80 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ كارخانىنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرىنىڭ ھەممىسى ئىلغار بولغان ئاشلىق ساقلاش تېخنىكىسىغا تايىنىپ لايىھەلىنىپ قۇرۇلغان بولۇپ، ئاشلىقنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىل، ئىلمىي ساقلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«بىز ئاشلىق ئامبىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىكى قاتارلىق مۇھىت كۆرسەتكۈچلىرىگە قارىتا ھەرىكەتچان كۆزىتىپ ئۆلچەش ئېلىپ بېرىپ، سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئاشلىق ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، ئاشلىق ساقلاش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.» بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ساۋ جىڭ مۇنداق دېدى: ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئاشلىق ئامبىرىدا ئاشلىقنى پۈتۈن ۋاقىتلىق، تولۇق قاپلىغان، ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىلگىرىكى سەزگۈ ئەزا ۋە تەجرىبىگە تايىنىپ ئاشلىق ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىدىغان نۇرغۇن باشقۇرۇش ھالقىلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئاشلىق ساقلاش ھالقىسىدىكى زىيانغا ئۇچراش، خوراش ئەڭ زور چەكتە ئازايتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ساقلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز 300 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ئاشلىق ئامبىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشكە ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئاشلىق باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى، ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ئاشلىق ئامبىرى ئاشلىق ئۇچۇرىنى كۆرگىلى بولۇش، ئاشلىق ئەھۋالىنى توردا نازارەت قىلىش ـ كۆزىتىپ ئۆلچەش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپلا قالماي، يەنە ئاشلىقنى ئىلمىي ساقلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يېمەكلىك دەرىجىلىك ئىنېرت پاراشوكى ئارقىلىق ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسى ۋەكىللىكىدىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇنى ئەنئەنىۋى خىمىيەلىك دورىلار بىلەن ئىسلاش ئۇسۇلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، خىمىيەلىك دورىلارنى ئىشلىتىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ساھەنىڭ ئاشلىقنى بىخەتەر ساقلاش، ئاشلىقنى ئىلمىي ساقلاش، ئاشلىقنى يېشىل ساقلاش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېرىمدىن كۆپرەك دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق كارخانىلىرى ئامبار سىغىمىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئومۇمىي ئامبار سىغىمى 3 مىليون 400مىڭ توننىدىن ئاشتى. شىنجاڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئاشلىق باشقۇرۇش سۇپىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 108 ئۆزگەرتىلگەن ئامبار نۇقتىسىدا تور ئالاقىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاشلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەۋەلىكتىكى ئۆزگەرتىلگەن ئامبار نۇقتىلىرىدىكى ئاشلىق ئەھۋالىنى توردا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزگەرتىلگەن ئامبار نۇقتىلىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئاشلىق ساقلاش، ئاشلىق باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش كەسپىنىڭ ئۇچۇرلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

دېھقانلار ئاشلىقنى ئىلمىي ساقلىدى

دېھقانلارنىڭ ئائىلىدە ئاشلىق ساقلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم رايونلاردا يەنىلا بىرقەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ، ئاشلىقنى ئىلمىي ساقلاشتىكى زۆرۈر بولغان بىلىملەر ۋە ساقلاش سەرەمجانلىرى كەمچىل بولغاچقا، ئۇزاق ۋاقىت ساقلانغان خام ئاشلىقتا ئاسانلا كۆكىرىش، مىتە چۈشۈش قاتارلىق زىيانغا ئۇچراش، خوراش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ھەم دېھقانلارنىڭ كىرىمىگە تەسىر كۆرسىتەتتى، ھەم ئاشلىق ئىسراپ بولاتتى.

بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە «ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشى» تۈرىنى تايانچ قىلىپ، پەن ـ تەتقىقات ئورۇنلىرى سىستېمىلىق لايىھەلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى دېھقانلارنىڭ ئائىلىدە ئاشلىق ساقلىشىغا باب كېلىدىغان كەپشەرلەش شەكلىدىكى پولات جازىلىق مېتال تور ئامبارنى تەتقىق قىلىپ چىقتى ھەم دېھقانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ھەقسىز تارقىتىپ بەردى. بۇ خىل ئاشلىق ساقلاش ساندۇقى پولات ماتېرىيالىنى كەپشەرلەش ئارقىلىق ياسالغان، ئاسان كونىراپ كەتمەسلىك، شامال ئۆتۈشتۈرۈپ تېمپېراتۇرىنى چۈشۈرۈش، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ھەربىر يۈرۈش ئاشلىقنى ئىلمىي ساقلاش ساندۇقىدا 800 كىلوگىرامدىن 1000 كىلوگىرامغىچە ئاشلىق ساقلىغىلى بولىدۇ، ئاشلىقنىڭ يىللىق زىيانغا ئۇچراش نىسبىتى ئىلگىرىكى %8 ئەتراپىدا بولۇشتىن %2 ئەتراپىدا بولۇشقا تۆۋەنلىدى.

«ئىلگىرى ئاشلىقنى تاغار ياكى ياغاچ ساندۇققا قاچىلايتتۇق، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاسانلا كۆكىرىپ، مىتە چۈشۈپ كېتەتتى. ئاشلىقنى ئىلمىي ساقلاش ساندۇقى بار بولغاندىن تارتىپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ھەل قىلىندى.» كەلپىن ناھىيەسى يۇرچى يېزىسى يۇقىرىس كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رېقىپ شېرىپ مۇنداق دېدى: ئاشلىقنى ئىلمىي ساقلاش ساندۇقى بار بولغاندىن كېيىن، كۆكىرىش، توخۇ يېۋېلىش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيانلاردىن ساقلاندۇق، ئۆزىمىز يەيدىغان ئۇننىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى بولدى، بۇغداينىڭ سېتىلىش باھاسىمۇ ئىلگىرىكىدىن يۇقىرى بولدى، ھەر يىلى 50 كىلوگىرام بۇغداينى تېجەپ قالالايدىغان بولدۇق.

كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمەيدىغان كىچىككىنە ئاشلىق ساقلاش ساندۇقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېجەش، كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلانماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن جەمئىي 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ياردەم پۇل مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دېھقانلار ئاشلىقنى ئىلمى ساقلاش سەرەمجانلىرىدىن تەخمىنەن 220 مىڭ يۈرۈش تارقىتىپ، ھەر يىلى دېھقانلارغا تەخمىنەن 11 مىڭ توننا ئاشلىق تېجەپ بېرىپ، زىيىنىنى ئازايتىپ، سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا دېھقانلارنىڭ تەخمىنەن 30 مىليون يۈەن كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن.

زىياننى ئازايتىش ھوسۇلنى ئاشۇرۇشتۇر، خوراشنى تۆۋەنلىتىش كىرىمنى ئاشۇرۇشتۇر. بۈگۈنكى كۈندە، ئاشلىقنى ئىلمىي ساقلاش، زىياننى ئازايتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ساھەسىدە تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.