تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«تاغلىق ئوبلاست»تا بەخت مېلودىيەسىنى ياڭرىتايلى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

​«تاغلىق ئوبلاست»تا بەخت مېلودىيەسىنى ياڭرىتايلى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاتۇش شەھىرىدە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن كەلگەن سەككىز ئاساسىي قاتلام ئامما ۋەكىلى ئۆزلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئورتاقلاشتى. ئۇلار ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ سۆزلەپ، شۇ جاينىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەقىقىي ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

قىزىلسۇ ئوبلاستىدا تاغ كۆپ بولۇپ، بۇرۇندىن «تاغلىق ئوبلاست» دېگەن چىرايلىق نامى بار. «ئىلگىرى مەن تاغلىق رايوندا ياشايتتىم، ئون سائەت پىيادە يۈرگەندە ئاندىن تاغدىن چىققىلى بولاتتى. 2016 - يىلى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ بېرىپ، بەختلىك زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈردۇق.» باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىن نەپ ئالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاقتۇ ناھىيەسى كوئېنلۇن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى تالانتبېك ئانارباي نەق مەيداندا ئۆز ھېكايىسىنى سۆزلىدى.

تالانتبېك مۇنداق دېدى: كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئائىلىمىزگە سۇ، توك تولۇق بولغان بىر يۈرۈش 80 كىۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆي ۋە بىر پارنىك تەقسىم قىلىندى. ھۆكۈمەت كالا، قوي باقمىچىلىقىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئورنى قۇردى، چارۋىلىرىمىزنىڭمۇ يېڭى قوتىنى بار بولدى. «ئولتۇراق رايوندا يەسلى، مەكتەپ، سودا كوچىسى بار. كۆپچىلىكنىڭ بېيىش يولى كۆپىيىپ، كۈنلىرى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى».

ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئەڭ زور چەكتە ھۆرمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، زور بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۈنۈملۈك ۋارىسلىق قىلىندى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى توقانالى تۇرسىنالى قىرغىز مىللىتىنىڭ تارىخىي داستانى «ماناس»نى ئېيتتى، لەرزان، شوخ مېلودىيە زالدا ياڭرىدى. توقانالىنىڭ بوۋىسى جۈسۈپ ماماي «ماناس» ئېيتىش ئۇستازى. «1978 - يىلى مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى خۇ جېنخۇا بوۋامنى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ، مەخسۇس <ماناس>نى رەتلەپ تەتقىق قىلغان. 2006 - يىلى <ماناس> تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.» توقانالى مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە «ماناس» كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، كەڭ تارقالدى.

قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى دىلشات قىدىرقان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئىناق، مۇقىم بولدى، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىدى. بىز خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى.

شۇ كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يول ئاسرىغۇچى، تىجارەتچى، ئوقۇتقۇچى، زاۋۇت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ۋە ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىلىرى قاتارلىق ئامما ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلىدى. كۆپچىلىك گەرچە ئوخشاش بولمىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، لېكىن ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بار، چېھرىدە پارلاق تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ تەبەسسۇم ئالدىدا، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر توقۇپ چىقارغان يالغان - ياۋىداق سۆزلەر، بىمەنە سەپسەتىلەر ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدۇ. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ رەزىل غەرىزى بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش قەدىمىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.