تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

خې جۇڭيوۋ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يىغىندا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى جاسارەت بىلەن گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يەكەن ناھىيەسىدىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر باغچىسىدا، خې جۇڭيوۋ كارخانا مەسئۇللىرى، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش، كىرىم قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

خې جۇڭيوۋ يەنە يەكەن ناھىيەسىنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى، يەكەن بازىرى يىپەك مەھەللىسى، ئېلىشقۇ بازىرى بازار كەنتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

خې جۇڭيوۋ قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، تىجارەت - باشقۇرۇش، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئېتىبار سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەلا مۇلازىمەت ئارقىلىق ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، كەسىپ تۈرلىرىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا خې جۇڭيوۋ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، قۇرۇلتاي روھىنى ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈرۈمچى ناھىيەسى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ئېكولوگىيە ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يەكەن ناھىيەسى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇش - دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك؛ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.