تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

جاڭ چۇنلىن ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن خوتەن ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن خوتەن ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق بازىرى داۋشياڭ كەنتىدە، جاڭ چۇنلىن يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پاكىز، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇش كېرەك. يېزا - كەنت ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش كېرەك.

جاڭ چۇنلىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ كوئېنلۇن بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ، كارخانىلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ھەمدە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىنى قوزغىتىش كېرەك. «كەنت بىلەن كارخانا بىرلىشىپ قۇرۇش» جەريانىدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەنت بىلەن كارخانىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، جاڭ چۇنلىن ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىسپاتلانغان، ئۈنۈملۈك بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش مېخانىزمى ۋە تەدبىرلىرىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» نۇقتىلىق خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى پائالىيەت تىزىملىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، توغراق روھى، بىڭتۇەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.