تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭ ئالتە تۈردە 4 مىليارد يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالىدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى «شىنجاڭ ياخشى جاي» − يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق پورتى خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئالتە كارخانىنىڭ ۋەكىللىرى نەق مەيداندا تۈر كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 4 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى رېن خۇڭبىن تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا سۆز قىلغاندا: سودا مىنىستىرلىقى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، دېدى. ھەم سىياسەت مېخانىزمىنىڭ يېتەكلەش ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش، رايون تۈگۈنى فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سودىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش، سېلىنما ھەمكارلىقىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت تۆت تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈسۈپجان مەمەت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن ۋە رولغا ئىگە، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە، بايلىقى مول ۋە مەركەزلەشكەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، ئىستىقبالى پارلاق ياخشى جاي. شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تونۇشتۇرۇش يىغىنى قار - مۇز ئىقتىسادى ۋە سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، كەسىپ تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكى تەشۋىق قىلىندى، تونۇشتۇرۇلدى.

يۈسۈپجان مەمەت 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يەنە ئىمپورت كۆرگەزمىسى شىنجاڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى كۆرگەزمە رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.