تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 2 تىرىليون 493 مىليارد 460 مىليون يۈەن بولدى

​ئۇدا 18 ئاي ئىككى خانىلىق ساندىن يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ ئاخىرى، شىنجاڭنىڭ خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 2 تىرىليون 493 مىليارد 460 مىليون يۈەن بولۇپ، يىل بېشىدىكىدىن 202 مىليارد 880 مىليون يۈەن ئاشقان، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7 مىليارد 150 مىليون يۈەن كۆپرەك ئاشقان، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.9 ئاشقان بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا 18 ئاي ئىككى خانىلىق ساندىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىغان.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا بولغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ سۈپەت - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەن. 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارى 3 تىرىليون 831 مىليارد 880 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 2.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارى يېڭىدىن 379 مىليارد 790 مىليون يۈەن كۆپەيگەن.

بولۇپمۇ نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارغا قارىتىلغان قوللاش سالمىقى تېخىمۇ ئاشۇرۇلغان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، قەرز پۇل مۇقىم ئېشىپ، ئامانەت - قەرز نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار قەرز پۇلى، ياسىمىچىلىق ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بويىچە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇل، يېشىل قەرز پۇل بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىغان، «ئىككى يۇقىرى» كەسىپلەردە قەرز پۇلنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، پۇل مۇئامىلىنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن.

بۇنىڭ ئىچىدە، 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 300 مىليارد 360 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەرز پۇلىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %17.3، %12.4 ۋە %11.4 بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك قەرز پۇلىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 6.4، 1.5 ۋە 0.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

بىر تەرەپتىن، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئومۇمىي مىقدارى ئاشقان؛ يەنە بىر تەرەپتىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى تۆۋەنلىگەن. 9 - ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن تارقىتىلغان خەلق پۇلى قەرز پۇلىنىڭ ۋەزىنلىك ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى %4.96 بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدىكىدىن 0.46 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلىنىڭ ۋەزىنلىك ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى %4.62 بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدىكىدىن 0.37 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.