تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دېھقانلارنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى يولىدا مېڭىشقا يېتەكلەيمەن

خې خۇڭتاۋ:

دېھقانلارنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى يولىدا مېڭىشقا يېتەكلەيمەن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

«كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق ۋە پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشقان مەشغۇلات يەر ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇردى، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، مانا بۇ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن پايدىسى» دېدى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ساۋەن شەھىرى شۇاڭچۈەن يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى خې خۇڭتاۋ.

2002 - يىلى 2 - ئايدا، خې خۇڭتاۋ ساۋەن شەھىرىنىڭ داچۈەن يېزىسى ساۋفاڭجاڭزا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ساۋفاڭجاڭزا كەنتى داچۈەن يېزىسىدىكى تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزۈلگەن، ئاسفالت يول تۇتاشتۇرۇلغان، ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتنىغان تۇنجى كەنتكە ئايلاندى...

«ئاتا - ئانام دېھقان، ئۇلار بىر ئۆمۈر يەر بىلەن ھەپىلەشكەن. يەر دېھقانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، لېكىن ئىلگىرى دېھقانلار يەردىن كۆپ پايدا ئالالمايتتى.» خې خۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: يەرنى كەسىپلەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتلاشتۇرۇپ تۈجۈپىلىك باشقۇرغاندىلا، تېخىمۇ زور ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

2012 - يىلى ئەتىيازدا، ساۋفاڭجاڭزا كەنتى يەر ئوبوروتىنى يولغا قويۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى يۆنىلىشىگە قاراپ قەدەم تاشلىدى. ئەينى چاغدا سىرتتا ئىشلەۋاتقان خې خۇڭتاۋ ساۋفاڭجاڭزا كەنتىگە قايتىپ كەلدى، ئۇنىڭغا بولغان چۈشىنىش ۋە ئىشەنچ ئاساسىدا، 2013 - يىلى كەنت ئاھالىلىرى خې خۇڭتاۋنى شۇاڭچۈەن يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقلىقىغا سايلىدى.

دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى كوپىراتىپقا خاتىرجەم ئوبوروت قىلىپ بېرىشى ئۈچۈن خې خۇڭتاۋ كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى. «ئەينى چاغدا قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى كېڭەيتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا تېرىلغان ئۇرۇقلارنىڭ ھەممىسى يېرىق بولاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تۆشۈككە بىر تال ئۇرۇق سېلىناتتى، كەنت ئاھالىلىرى سېلىنغان ئۇرۇق ۋە تېرىش ئۇسۇلىنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن يېڭى تېخنىكىغا پاسسىپ مۇئامىلە قىلدى» دېدى خې خۇڭتاۋ.

مايسا ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى مايسا ئۈنۈپ چىقىش نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن خې خۇڭتاۋغا ئىشەندى. تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنىڭ كېڭەيتىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى كەنت ئاھالىلىرىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈردى، شۇنداقلا كوپىراتىپنىڭ يەرلەرنى بىرىكتۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

«پۈتۈن كەنتتە 6000 مو كېلىدىغان 700 پارچىغا يېقىن تارقاق يەر بولۇپ، بىرىكتۈرۈلگەندىن كېيىن 3000 مودىن ئارتۇق يەر ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بېرىلىپ 11 پارچە بىرىكتۈرۈلگەن يەر شەكىللەندۈرۈلدى» دېدى خې خۇڭتاۋ.

2020 - يىلى ساۋفاڭجاڭزا كەنتى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەر مۈلۈك ھوقۇقى كىنىشكىسى بولسا، يەرنى تېخىمۇ خاتىرجەم ھالدا ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بېرىدۇ، يەرلەر بىرىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى كېڭەيتىشكە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ» دېدى خې خۇڭتاۋ.

بۈگۈنكى كۈندە، داچۈەن يېزىسىدىن باشقا، شۇاڭچۈەن يېزا ئىگىلىكى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە قورغاس بازىرى ۋە بورتۇڭگى چارۋىچىلىق مەيدانى قاتارلىق جايلاردىكى يەرلەرنى بىرىكتۈرۈشنى قانات يايدۇردى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يېرى 48 مىڭ مودىن كۆپرەككە يەتتى. «مەن ھازىر 48 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرنىڭ چوڭ باشقۇرغۇچىسى» دېدى خې خۇڭتاۋ كۈلۈپ تۇرۇپ.

«چوڭ باشقۇرغۇچى»لىقنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، خې خۇڭتاۋ دۆلەتنىڭ تۈر ئارقىلىق يۆلىشىگە تايىنىپ، كوپىراتىپ ئەزالىرى بىلەن بىرلىشىپ بىرلەشمە كوپىراتىپ قۇرۇپ، «يەر + يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى» شەكلىدە تىجارەتنى باشلىدى ھەم تەدرىجىي ھالدا تېرىش بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، تېخنىكا بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، سېتىۋېلىش بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، ئوراپ قاچىلاش بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، ماركا بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، سېتىش بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، خەۋپ - خەتەرنى ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان مەنپەئەتنى باغلاش مېخانىزمى ئورناتتى.

«مەن ئائىلىمىزنىڭ 20 نەچچە مو يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا باشقۇرغۇچى بولدۇم، بىر يىلدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 80 مىڭ يۈەن، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 30 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پايدا تەقسىملىنىدۇ، بىز ئۆزىمىز يەر تېرىساق ئۇنچە كۆپ پۇل تاپالمايتتۇق» دېدى كەنت ئاھالىسى خەيرۇللا چېرىزات.

«ھازىر پاختا يىغىش ماشىنىسى بىلەن بىر كۈندە 600 مو يەردىكى پاختىنى يىغقىلى بولىدۇ. بىز يەنە يان تېلېفون APPسى ياكى كومپيۇتېر ئارقىلىق ماشىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ شوپۇرسىز تېرىش، ئېتىز پەرۋىشى، يىغىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۈگۈنكى كۈندە دېھقان بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن كوپىراتىپ ئەزالىرىنى يېتەكلەپ، بۇ تۇپراقتا تېخىمۇ كۆپ قىممەت يارىتىمەن» دېدى خې خۇڭتاۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.