تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شەۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن شىخو شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋېن بو خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شەۋكەت ئىمىن شىخو شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شىخو شەھىرى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدا، شەۋكەت ئىمىن يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتى، كارخانىنىڭ تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. ئۇ كارخانىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، كۈچىيىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

شىخو پىۋىسى چەكلىك شىركىتىدە، شەۋكەت ئىمىن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ماركا قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بازار يۈزلىنىشىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆز ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، سۈپەتكە تايىنىپ ماركا يارىتىپ، ھاراقچىلىق كەسپى، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن شىخو شەھىرىنىڭ شىداگۇ بازىرى تەكلىگىن كەنتىگە كېلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەلەپ قىلدى: پائال، تەشەببۇسكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەردىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شىخو شەھىرىدىكى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ تەڭشەش - ساقلاش كۆلچىكىدە، شەۋكەت ئىمىن سۇچىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، شەۋكەت ئىمىن ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بەش يىلدىن بۇيانقى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىشى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى يەكۈنلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاڭلىق ھالدا خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، پاك - دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مۇتەللىپ قاسىم، مۇقىيات جارمۇقامەت، شۆ بىن قاتارلىقلار بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.