تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەش كېرەك

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«بىز ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىنى قوللاپ، يەككە تەرەپچىللىككە، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.» 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، رەئىس شى جىنپىڭ سىنلىق شەكىلدە 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن 20 يىلدىن بۇيانقى تارىخىي مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ: «دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىنى قوزغاتتى، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى» دەپ كۆرسەتتى، جۇڭگونىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغدايدىغانلىقىنى، قەتئىي تەۋرەنمەي دۇنيا بىلەن بازار پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغانلىقىنى، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى، قەتئىي تەۋرەنمەي دۇنيانىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى، ئۇنىڭ سۆزى يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، خەلقئارا جەمئىيەتتە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق باش كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كېلىپ، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش يۈزلىنىشى تۈپتىن ئۆزگەرگىنى يوق، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى يېڭى ئېلاستىكلىقنى نامايان قىلدى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچ تەرەققىياتقا بولغان ئۈمىدى تېخىمۇ قىزغىن بولدى، ئادىللىق، ھەققانىيلىق سادالىرى تېخىمۇ كۈچەيدى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ قەتئىيلەشتى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشتەك تارىخىي پەيتكە يەنە بىر قېتىم دۇچ كەلدى، دۈشمەنلىك نەزەرى بىلەن قارشىلىشىش كېرەكمۇ ياكى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش كېرەكمۇ؟ بېكىنمىچىلىك قىلىش، ئالاقىنى ئۈزۈش كېرەكمۇ ياكى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش كېرەكمۇ؟ نۆل نەتىجىلىك كۈچ سىنىشىش كېرەكمۇ ياكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش كېرەكمۇ؟ تاللاش دەل بىزنىڭ قولىمىزدا، مەسئۇلىيەت دەل بىزنىڭ زىممىمىزدە. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمىغا ئايلاندى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى ۋە پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىدا جەزمەن بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يول. بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىدىن چىقىش قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش مۇساپىسىنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچانلىققا، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا ئىگە قىلساق، چوقۇم ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنى ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلالايمىز.

مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئون يىلدىن بۇيان «دۇنيانىڭ ئېچىۋېتىش كۆرسەتكۈچى» ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ، يەر شارىۋى ئېچىۋېتىش ئورتاق تونۇشى ئاجىزلاشقان، بۇ، يۈكسەك دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى بەزى قايتما دولقۇنلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئۆزئارا بېكىنمە، يەككە - يېگانە ھالەتكە قايتمايدۇ، باشقىلار تەرىپىدىن بۆلۈۋېتىلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش يەنىلا تارىخىي ئېقىم، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش يەنىلا كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى. گەرچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىۋى تەرەققىياتتا كۆلەڭگە پەيدا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تارىختىن قارىغاندا، مەيلى قانداق خەۋپ - خەتەر، قانداق ئاپەت، قانداق تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ھامان ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوقۇم داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. ھازىرقى دەۋردە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئۆزئارا باغلىنىپ، مەنپەئەت يۇغۇرۇلۇشى مىسلىسىز بولماقتا، ئېچىۋېتىش داۋامىدا پۇرسەت يارىتىپ، ھەمكارلىق داۋامىدا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق. ئىشىكنى تاقىۋېلىپ قۇرۇلۇش قىلىدىغان ھەرقانداق قاراش، باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان ھەرقانداق قىلمىش، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان، غالىب كەلگۈچى ھەممىنى يۇتۇۋالىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى تارىخىي ئېقىمغا قارشى ھەرىكەتتۇر! ئىقتىساد يەر شارىۋىلاشقان دەۋردە، ئېچىۋېتىش، يۇغۇرۇلۇش توسقىلى بولمايدىغان تارىخىي يۈزلىنىش، سۈنئىي «تام قوپۇرۇش» «ئالاقىنى ئۈزۈش» ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ۋە بازار قائىدىسىگە خىلاپ بولۇپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ ھەم ئۆزىگىمۇ پايدىسىز. يەنە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى تۈرلۈك خىرىس ۋە قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلغان تارىخ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق كىرىزىس ئەمەس، جەزمەن تېخىمۇ كۆپ يەر شارىۋى خىرىسنى كۈتۈۋېلىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەتنى ئاشۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىق، ئالاقىنى ئورتاق كۈچەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئورتاق كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بىر دۆلەت، بىر مىللەت گۈللىنىمەن دەيدىكەن، جەزمەن تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش لوگىكىسى بويىچە ئالغا ئىلگىرىلىشى، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىشى كېرەك.» ئېچىۋېتىش − تەرەققىيات - ئىلگىرىلەشتىكى مۇقەررەر يول، شۇنداقلا يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچ. ھەرقايسى دۆلەتلەر پەقەت ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالالايدۇ. بىز ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم قايتا جانلىنىشىغا كۈچ قوشۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كەمسىتىش خاراكتېرلىك، يەكلەش خاراكتېرلىك قائىدە ۋە سىستېمىنى قوللانماسلىقىمىز، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى ئۇل تاش قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بىز ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى ئېلىپ كەلگەن خىرىستىن ئۆزىمىزنى قاچۇرساق بولمايدۇ، جەزمەن باي - نامراتلىق پەرقى، تەرەققىيات ھاڭى قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ، ئادىللىق بىلەن ئۈنۈمنىڭ، ئېشىش بىلەن تەقسىماتنىڭ، تېخنىكا بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تەرەققىياتنى ھەم تەڭپۇڭ، ھەم يېتەرلىك بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنى ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك. كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ مۇھىم مەزمۇنى خەلقئارادىكى ئىشلارنى كۆپچىلىك ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىش، دۇنيانىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئىگىلەشتىن ئىبارەت. خەلقئارادا «كىچىك گۇرۇھ» «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» بىلەن شۇغۇللانسا، باشقىلارنى چەتكە قاقسا، تەھدىت سالسا، قورقۇتسا، ھە دېسىلا ئالاقىنى ئۈزسە، تەمىناتنى ئۈزۈۋەتسە، چەكلىسە، ئۆزئارا ئايرىمىچىلىق، ھەتتا ئۈزۈكچىلىكنى قەستەن پەيدا قىلسا، پەقەت دۇنيانى بۆلگۈنچىلىك، ھەتتا قارشىلىشىشقا ئىتتىرىدۇ. بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى چىڭ ساقلاپ، ئىدېئولوگىيەدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشتىن قۇتۇلۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ھەمكارلىق مېخانىزمى، ئىدىيەسى، سىياسىتىنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك.

تارىخنى ئەسلىسەك، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش خەلقئارا ئىقتىساد - سودىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. مەۋقەنى بۈگۈنگە قويغىنىمىزدا، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى رېئال تەلەپ. كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى دەۋر تەلىپى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى تەرەپتە تۇرۇپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يەڭسە، چوقۇم ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.