تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​چىن كۆڭلىدىن قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش كىچىك ئىشلاردىن ھەقىقىي ھېسسىياتنى كۆرۈش

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى

​چىن كۆڭلىدىن قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش   كىچىك ئىشلاردىن ھەقىقىي ھېسسىياتنى كۆرۈش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

«ئاممىنىڭ ئىشى ھەرقانچە كىچىك بولسىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىكى مۇھىم تۇتقىلارنىڭ بىرى قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چوڭقۇر زىيارەت قىلىش، ئەھۋال ئىگىلەش، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشكە تەشكىللەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گاۋ يۈەنتاۋ «تاغا، مەن بىڭتۇەن 3 - شىسىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى ئىمتىھان بېرىپ ئالدىم، بۇنىڭدىن كېيىن قانۇن ئىجرا قىلىش سالاھىيىتىم بار بولدى» دېگەن ۋىيشىن ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدى.

گاۋ يۈەنتاۋ مۇخبىرغا بۇ ئۇچۇرنى تۇغقىنىنىڭ چوڭ ئوغلى ئەكبەر يۈسۈپ ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. 2016 - يىلى گاۋ يۈەنتاۋ مارالبېشى ناھىيەسى دۆلەتباغ يېزىسى ئاياغ قارا كۆلنۇر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يۈسۈپ ئابدۇكېرەم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۇغقانلاشقانىدى.

«مېنىڭ تۇغقىنىم بەك قابىلىيەتلىك، مەنمۇ ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى خالايمەن.» «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، گاۋ يۈەنتاۋ قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى قىممىتى 3000 يۈەندىن ئاشىدىغان نەق پۇل ۋە نەرسە - كېرەك ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، لېكىن ئۇ بۇنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق دەپ قارايدىكەن، «تۇغقىنىمنىڭ بالىسىنىڭ كىشىلىك ھايات تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پىلانلىشىغا ياردەم بېرىش مېنىڭچە ئەڭ مۇھىم».

گاۋ يۈەنتاۋنىڭ نەزەرىدە ئەكبەر ئۇنىڭ پەخرى ئىدى. بۇ يىگىت كەنتتىكى تۇنجى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، بۇ يىل داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە قېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشماقچى بولدى. گاۋ يۈەنتاۋ ئۇنىڭغا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىستىقبالىنى تەھلىل قىلىپ بەردى، يەنە كىشىلىك ھايات پىلانى تۈزۈپ بەردى، ئۇنىڭغا ئاساسىي قاتلامدا چېنىقىپ، تالانتىنى نامايان قىلىش تەكلىپى بەردى. ئاخىرىدا ئەكبەر تىرىشىش ئارقىلىق مەمۇرلۇققا ئۆتۈپ، بىڭتۇەن 3 - شىسى 53 - تۇەنىنىڭ سىياسىي قانۇن كادىرى بولدى.

گاۋ يۈەنتاۋ ئەكبەرگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان ئەكبەرنىڭ ئەڭ غەم قىلىدىغىنى ھۆججەت - ماتېرىيال يېزىقچىلىقى ئىدى.

«ئۇنىڭ دەسلەپتە يازغان ماتېرىيالى لاياقەتسىز بولغاچقا، ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەنىدى. مەن بۇنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، تەجرىبىلىرىمنى سۆزلەپ بېرىپ، قولمۇقول ئۆگىتىپ، ئۇنىڭ خىزمەتكە تېز كىرىشىشىگە ياردەم بەردىم.» گاۋ يۈەنتاۋ مۇنداق دېدى: چوڭ جىيەنىمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىچ - ئىچىمدىن خۇشال بولدۇم.

ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولغانلاردىن يەنە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى باش دىجورنىخانىسىنىڭ مۇدىرى تاڭ جىرۇڭمۇ بار.

«مېنىڭ تۇغقىنىم ئەر - خوتۇن ئىككىلىسى قاۋۇل ئەمگەك كۈچلىرىدىن بولۇپ، بۇلتۇر يېرىنى ئوبوروت قىلىۋەتكەندىن كېيىن، ئىزچىل نېمە ئىش قىلىشىنى بىلمەي كەلگەنىدى.» تاڭ جىرۇڭ مۇنداق دېدى: تۇغقىنىم روزى مۇسا مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى يەكەن مەھەللىسى كەنتىدە دائىم توك بىلەن ھەپىلىشەتتى، ئۇنىڭدىن كۆرە بەش خىل مېتال دۇكىنى ئاچقان ياخشى ئەمەسمۇ؟ تاڭ جىرۇڭنىڭ ياردىمىدە، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا روزىنىڭ بەش خىل مېتال دۇكىنى تىجارەت باشلىدى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا قايتا كۆرۈشكەندە، روزى ئۇنىڭغا يەنە بىر يېڭى ئويىنى ئېيتتى: «خوتۇنۇم ئۆزى يالغۇز بەش خىل مېتال دۇكىنىنى ئاچالايدۇ، مېنىڭ يەنە ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئاپتوموبىل يۇيۇش دۇكىنى ئاچقۇم بار».

«مەن سىزنى قوللايمەن!» دېدى تاڭ جىرۇڭ تۇغقىنىنىڭ بۇنداق غەيرەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ خۇشال بولۇپ.

5 - ئاينىڭ بېشىدا تاڭ جىرۇڭ روزىنىڭ ئائىلىسىنى يەنە بىر قېتىم يوقلاپ بارغاندا، ئاچقىلى ئىككى ئاي بولغان ئاپتوموبىل يۇيۇش دۇكىنىنىڭ سودىسى يۈرۈشۈپ كەتكەنىدى. روزى: «تاڭ ئاكام ماڭا بەك كۆپ ياردەم بەردى» دېدى.

پىكىر يولى ئېچىلسا، پۇل تېپىش يوللىرى كۆپىيىدۇ. كېيىن روزى يەنە كەنتتىكى گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى تۈرىنى ھۆددىگە ئالدى.

«ھېسابلاپ باقسام، روزى ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق كىرىمى 80 - 70 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپتۇ، ئۆزلىرىمۇ بارغانسېرى غەيرەتلىك بولۇپ كېتىپتۇ.» تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، تاڭ جىرۇڭنىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى.

تۇغقىنىغا كۆكتات مايسىسى ئېلىپ بېرىش، تۇغقانلىرى ئۈرۈمچىگە كېلىپ كېسەل كۆرسەتسە دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، ياتاق، تاماق ھەل قىلىپ بېرىش... ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا چىن دىلىدىن ياردەم بەردى، كۆپچىلىك قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى بىرلىكتە سىزىپ چىقماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.