تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ 12345 مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بويىچە خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيە سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 12345 مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بويىچە خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيە سۇپىسىنى قوزغىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ 12345 مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بويىچە خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيە سىستېمىسىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن قوزغىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ 12345 سۇپىسى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ 12345 قىزىق لىنىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرى بويىچە خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيەدىن 32سى بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىر نومۇرنى سىرتقا ئېچىۋېتىش، ئىلتىماس - تەلەپنى جەملەش، تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش، ھەرقايسى تەرەپلەر بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، ۋاقىت بەلگىلەپ بېجىرىش، تەكشۈرۈپ باھالاشتەك خىزمەت مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىپ، «N+14+1» مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بويىچە خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيە سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، بىر نومۇر ئارقىلىق كارخانا ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

چېن ۋېيجۈن مۇنداق بىلدۈردى: مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى بايلىق سودىسىنىڭ تەقسىملىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇش ئاپتونوم رايوننىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى، پۈتۈن گەۋدە بويىچە پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ ئادەمنى ئاساس قىلىپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى يۆنىلىشىنى ھۆكۈمەت تەمىنلەشتىن ئاممىنىڭ ئېھتىياجى يۆنىلىشىگە ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، رايونلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ئارقىلىق ئۇچۇرلاشقان تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇپ، يېقىن بولغان، پاك بولغان، لايىق كېلىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش؛ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.