تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناش - تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى تېز ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى قاتناش - تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 97 مىليارد 783 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %20.8 ئاشقان.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشتەك ئاكتىپ ھالەتنى داۋاملاشتۇردى، ساھە ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەردە بىردەك ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىش ۋەزىيىتى ياكى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ياخشى بولۇش ۋەزىيىتى نامايان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قاتناش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوشتى.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە تىجارەت خاراكتېرلىك يوللاردا يولۇچى، يۈك توشۇش سىجىل ئاشقان، يولۇچى توشۇشنىڭ ئەسلىگە كېلىش دەرىجىسى يۈك توشۇشنىڭكىدىن ياخشى بولغان، يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %211.5 ئېشىپ، 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى سەۋىيەنىڭ %90ىگە يېقىن ئەسلىگە كەلگەن، يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.7 ئېشىپ، 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى سەۋىيەنىڭ %70ىدىن كۆپرەك ئەسلىگە كەلگەن؛ يول تورى قاتناش مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە غول لىنىيە تاشيوللىرىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە قاتناش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.8 ئېشىپ، 2019 - يىلىدىكىدىن %20.6 ئاشقان.

بۇ يىل، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى «تاشيولدا توشۇشنى تۆمۈريولدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يىل بېشىدا ئىمزالانغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئاساسىدا، كارخانىلارغا مەخسۇس خېرىدارلار ۋەكىلى ئەۋەتىش، قەرەللىك ھالدا توشۇشنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، خېرىدارلار بىلەن بولغان ھەرىكەتچان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، قىسقا يوللۇق يۈك قاچىلاش، يۈك قاچىلاش - چۈشۈرۈشنى تەشكىللەش، پويىز تەقسىملەش - ۋاگون تەقسىملەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلىپ، كۆمۈر، مېتال رۇدىسى قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق يۈكنىڭ توشۇلۇشىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 136 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشتى.

شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تىرانسپورت ئىشلەپچىقىرىشى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلدى. 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 22 تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى جەمئىي تاماملىغان يولۇچى كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى 22 مىليون 731 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 2020 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %80 ئېشىپ، 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى سەۋىيەنىڭ %78.3ى ئەسلىگە كەلگەن؛ يۈك پوچتىسىنىڭ كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى 139 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2020 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %23 ئېشىپ، 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى سەۋىيەنىڭ %88.5ى ئەسلىگە كەلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.