تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈجۈپىلەپ تېرىش سۈپەتلىك ھوسۇل يىغىش

​− ئاشلىق تېجەش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر (1)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گې يوۋجۈن، جاڭ جىلى

ئەتراپقا نەزەر سالغاندا، بۇغدايلىق يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ئۈنۈپ چىققان بۇغداي مايسىلىرى بەس - بەستە ئۆسۈپ، بۇغدايلىقنى خۇددى بىر قەۋەت قېلىن يېشىل گىلەم يېيىتىلغاندەك تۈسكە كىرگۈزگەنىدى. 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ داچۈەن تاتار مىللىتى يېزىسى داچۈەنخۇ كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىيدىغان چوڭ ئائىلە ميەن شياڭفېن ئۆزى ھۆددىگە ئالغان بۇغدايلىققا كېلىپ، بۇغدايغا توڭ ياتقۇزدى، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرە ئۇنى ناھايىتى خاتىرجەم قىلدى.

گۇچۇڭ ناھىيەسىدە بۇ يىل تېرىلغان 750 مىڭ مو كۈزگى بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ميەن شياڭفېننىڭ بۇغداي تېرىۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولدى، ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىدا تېرىش ۋە يىغىشتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ھالقىنى ئالاھىدە ياخشى تۇتۇش كېرەك ئىكەن. تېرىش ھالقىسىدا ئۇرۇقنى تېجەش، يىغىش ھالقىسىدا زىيانغا ئۇچراشنى ئازايتىش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئېتىزدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى تېجەش، زىياننى ئازايتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ھەم ئۇنى پائال ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى پۇختىلاشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

ئۇرۇقنى تېجەپ ئىشلىتىش

«ۋارونكىسىمان تېرىش»نى «تۈجۈپىلەپ تېرىش»قا ئۆزگەرتىش

«بۇغداي مايسىلىرى بەك تەكشى ئۈنۈپتۇ! ھازىر تېرىشقا ئىشلىتىلگەن بۇغداي ئۇرۇقى ئىلگىرىكىدىن ئازايغان بولسىمۇ، ھوسۇلنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.» 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسى قايلور بازىرى قاشباغ كەنتىدىكى بىر بۇغدايلىقتا، كەنتتىكى بۇغداي تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى ئەخمەت توختى كەڭ يېيىلغان يېڭى يېشىللىققا قارىغىنىچە شۇنداق دېدى.

بۇلتۇر كۈزدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەۋاتقان ئەخمەت تۈجۈپىلەپ تېرىيدىغان سېيالكىغا ئەگىشىپ ئۇرۇق سېلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ھەر مو يەرگە ئىشلىتىلىدىغان بۇغداي ئۇرۇقىنىڭ 20 كىلوگىرامغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغانىدى. ئەمما بۇ يىل يازدا كوپىراتىپتىكى بۇغداينىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 500 كىلوگىرامدىن ئاشتى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بىر مو يەرگە 40 - 30 كىلوگىرام ئۇرۇق كېتەتتى، ھوسۇلى ئاران 300 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولاتتى، بۇ خىل بىرنى كۆپەيتىپ، بىرنى ئازايتىشتا ئۈنۈم يۇقىرى بولىدىكەن».

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، بۇ يىلغىچە يازلىق ئاشلىقنىڭ «14 يىل ئۇدا ئېشىش»ىنى ئىشقا ئاشۇردى. 2021 - يىلى، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 4 مىليون 300 مىڭ موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي كۆلىمى 2 مىليون 760 مىڭ 700 مو بولۇپ، ئاشلىق كۆلىمىنىڭ %60ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

ئاشلىق تېرىش ھالقىسىدا تېجەش، زىياننى ئازايتىشنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىشنى ئالدى بىلەن تۈجۈپىلەپ تېرىشتىن باشلاپ، تېرىلىدىغان ئۇرۇق مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇرۇقنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى ئازايتىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئىشنى ئۇرۇقتىن باشلاپ تۇتۇپ، سورتلۇق بۇغداي ئۇرۇقى كۆپەيتىش - يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇرۇق سۈپىتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە سورتنى ئەلالاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، بۇغداي ئەلا سورتىنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، بۇغداي ئۇرۇقىغا دورا يالىتىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ميەن شياڭفېن تۇرۇشلۇق گۇچۇڭ ناھىيەسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بازا ناھىيەسى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 1 مىليون مودىن ئارتۇق بولۇشىنى ساقلىدى. گۇچۇڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى يىن گاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2017 - يىلىدىن باشلاپ، پۈتۈن ناھىيە بويىچە بۇغداي تېرىشتا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش، تۈجۈپىلەپ تېرىش ۋە ئۇرۇق بىلەن ئوغۇتنى ئايرىپ سېلىش تېخنىكىسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، بۇغداينىڭ مو بېشى تېرىلىدىغان ئۇرۇق مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلدى.

«ئىلگىرى ناھىيە بويىچە بۇغداينىڭ مو بېشىغا تېرىلىدىغان ئۇرۇق مىقدارى 30 كىلوگىرامدىن ئاشاتتى، ھازىر 18 كىلوگىرام بولدى، مۇشۇ بىر تۈردىلا پۈتۈن ناھىيە بويىچە ھەر يىلى 12 مىليون كىلوگىرامدىن ئارتۇق بۇغداي ئۇرۇقى، 40 مىليون يۈەن ئۇرۇق خىراجىتى تېجەپ قېلىندى» دېدى يىن گاڭ.

ئاشلىق تېجەش، زىياننى ئازايتىش بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە ئاشلىق تېجەش، زىياننى ئازايتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، ئۇرۇقنى تېجەپ ئىشلىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ سورتلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كۆپ جەھەتتە چىدامچان، كەڭ دائىرىدە ماس كېلىدىغان، ھوسۇل ئېلىشتا كۆپ زىيان كۆرۈلمەيدىغان سورت ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇرۇقنى تېجەپ، ماشىنىدا تېرىشقا باب كېلىدىغان سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ، ئىلغار، مۇۋاپىق، تۈجۈپىلىك تېرىيدىغان ماشىنىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىپ، بۇغداينى تۈجۈپىلىك، يېرىم تۈجۈپىلىك تېرىش، كۆممىقوناقنى دانمۇدان تۈجۈپىلەپ تېرىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى توپلاپ، كېڭەيتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

سۈپەتلىك ھوسۇل يىغىش

زىياننى ئازايتىشنىڭ ئۆزى مەھسۇلاتنى ئاشۇرغانلىق

«ياخشى تېرىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ياخشى يىغىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم.» بۇ، گۇچۇڭ ناھىيەسى شىبېيۋەن بازىرى ليۇشۇخېزى كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى فېڭ رۇگاڭنىڭ ئىزچىل ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا، كۈندىلىك پەرۋىشنى ياخشى قىلغاندىن باشقا، ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا سۈپەتلىك ھوسۇل يىغىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

فېڭ رۇگاڭ بۇ يىل 50 ياشقا كىردى، ئۇ 20 ياشقا كىرمەيلا بۇغداي تېرىشقا باشلىغان. بۇ يىل يازدا، ئۇ تېرىغان 2600 مو يەردىكى كۈزگى بۇغدايدىن مو بېشىغا 608 كىلوگىرام ياخشى ھوسۇل ئېلىندى، بۇ، بۇلتۇرقى مو بېشى ھوسۇلىدىن تەخمىنەن 50 كىلوگىرام ئاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئاشقان ئاشلىقنىڭ بىر قىسمى سۈپەتلىك ھوسۇل يىغىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن.

«ئىلگىرى ئەنئەنىۋى كومبايىن بىلەن بۇغداي ئورىغاندا، دائىم ئورۇلماي قالىدىغان، دان چېچىلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلەتتى. ھازىر بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھى يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان يېڭى تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كومبايىن ئىشلىتىلىپ، دەل، توغرا ئورۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇنىڭدا ئەنئەنىۋى كومبايىن ئىشلەتكەنگە قارىغاندا زىياننى مو بېشىغا 20 كىلوگىرامدىن كۆپرەك ئازايتقىلى بولىدۇ» دېدى گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى شوپۇرى پەن باۋجيې.

زىياننى ئازايتىشنىڭ ئۆزى مەھسۇلاتنى ئاشۇرغانلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىقتىن سۈپەتلىك ھوسۇل يىغىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى، سورتلارنى توپلاشتۇرۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى ۋە قاپلاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق زىرائەتلىرىنى ماشىنىدا يىغىش جەريانىدا زىياننى ئازايتىش تېخنىكىسى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى مۇۋاپىق پەيتتە ماشىنىنى تاللاپ ھوسۇل يىغىشقا يېتەكلەپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھوسۇل يىغىش ماشىنىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، شوپۇرلارنىڭ ئۆلچەملىك مەشغۇلات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مۇشۇ ئارقىلىق ئېتىزدا ھوسۇل يىغىش جەريانىدىكى زىياننى ئازايتتى.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاشلىق زىرائەتلىرىنى يىغىشتا يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش يېڭى تېخنىكىسىنى نۇقتىلىق ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىگىلىك سۇبيېكتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دېھقان ئائىلىلىرىنى ئاساس قىلىشتىن تەدرىجىي يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، يېڭىچە ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ، چوڭ ئات كۈچىلىك، يۇقىرى ئىقتىدارلىق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يىغىش ماشىنىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى شال ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، كۈنەس ناھىيەسى ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، ئىلغار ماشىنا ۋە تېخنىكىغا تايىنىپ ئاشلىقنى سۈپەتلىك يىغىشنى ئالغا سىلجىتتى.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2020 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇغداي ئورۇشنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى %97.11 بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، شىمالىي شىنجاڭدا %100كە يەتكەن.

«بىز سۈپەتلىك يىغىۋېلىش ئارقىلىق بۇغداي زىيىنىنى زور دەرىجىدە ئازايتتۇق.» يىن گاڭ مۇنداق دېدى: گۇچۇڭ ناھىيەسى دانلىق زىرائەتلەرنى ئورۇيدىغان ئىلغار كومبايىن كىرگۈزۈپ، ئىلمىي مەشغۇلات تەرتىپىنى تۈزدى، بۇغداي يىغىۋېلىشتا زىيانغا ئۇچراش نىسبىتى تۆت يىل ئىلگىرىكى %1.5تىن ھازىرقى %1.2 ئىچىدە بولۇشقا تۆۋەنلىدى. بۇ يىل پۈتۈن ناھىيەنىڭ بۇغداي ئومۇمىي ھوسۇلىنى 480 مىليون كىلوگىرام دەپ ھېسابلىغاندا، ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ يىل يىغىۋېلىش ھالقىلىرىدا بۇغداي زىيىنى 1 مىليون 400 مىڭ كىلوگىرامدىن كۆپرەك ئازايدى.

پەن - تېخنىكا تۈرتكە بولۇش

تېخنىكا ئارقىلىق زىياننى ئازايتىشتا نەتىجە يارىتىش

«ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا تېجەش، زىياننى ئازايتىشنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم <ئېلىش ئەمىلى>نى ئىشلەش ھەم <قوشۇش ئەمىلى>نى ئىشلەشتۇر، بىز <قوشۇش ئەمىلى> بىلەن <ئېلىش ئەمىلى>نى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىشىمىز كېرەك.» سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گو خۇەيئەن مۇنداق دېدى: «ئېلىش ئەمىلى» دېگىنىمىز بارلىق ئامال - چارىلەرنى قوللىنىپ تېجەش ۋە زىياننى ئازايتىشنى كۆرسىتىدۇ، «قوشۇش ئەمىلى» دېگىنىمىز تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ھوسۇلنى ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ جەرياندا پەن - تېخنىكىنىڭ رولى غايەت زور.

گو خۇەيئەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سانجى ئوبلاستى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا يېشىل ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى توپلاشتۇرۇپ قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش، بۇغداينى تۈجۈپىلىك تېرىش، ئۇرۇق بىلەن ئوغۇتنى ئايرىپ سېلىش، كۆممىقوناقنى دانمۇدان دەل تېرىش، دەل توغرا ئورۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى تېخنىكا، يېڭى جابدۇقلارنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا كېڭەيتىپ قوللاندى. نۆۋەتتە، سانجى ئوبلاستىدا ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىقچىلىقىنىڭ ئەلا سورت بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100كە، ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىقچىلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %100كە يەتتى، بۇغداي يىغىشتىكى زىيان نىسبىتى %1.2 ئىچىدە ساقلاندى، كۆممىقوناقنى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىش بىلەن ئادەم كۈچى ئارقىلىق يىغىشنى سېلىشتۇرغاندا، مو بېشى تەننەرخىدىن 80 يۈەندىن كۆپرەك تېجەپ قېلىندى.

بۇ بىرنەچچە يىلدا، ھەرقايسى جايلار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېخنىكا ئارقىلىق زىياننى ئازايتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشقان مەشغۇلاتنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، يەرنى دەل جايىدا تۈزلەش، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش، ئۇرۇق بىلەن ئوغۇتنى ئايرىپ سېلىش، تۈجۈپىلىك تېرىش، دەل توغرا ئورۇش قاتارلىق تېرىش - يىغىشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىدىكى ئىلغار، قوللىنىشچان جابدۇق، تېخنىكا ۋە تەدبىرلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىكى تېجەش، زىياننى ئازايتىشنى تېخىمۇ پۇختا پەن - تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلدى.

شايار ناھىيەسى قايلور بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئېزىز ئىمىن ئۇزاق مەزگىل يېزا ئاساسىي قاتلىمىدا خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى دېھقانلار بۇغداي تېرىغاندا ئۆزى ئېلىپ قويغان بۇغداي ئۇرۇقىنى ئېتىزغا چاچاتتى، بىر مو يەرگە 40 - 30 كىلوگىرام ئۇرۇق كېتەتتى؛ ھازىر پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تۈجۈپىلىك تېرىش، سۈپەتلىك يىغىش يولغا قويۇلدى، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش نەتىجىسى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى».

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى تېرىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: پەن - تېخنىكىنىڭ تىرەك بولۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئاشلىق تېجەش ھەرىكىتى بىلەن ئاشلىق يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ھەرىكىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىكى تېجەش، زىياننى ئازايتىش تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، سىياسەتنىڭ قوللاش ۋە تەڭشەش - تىزگىنلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئەلا سورت +ياخشى ئۇسۇل»نى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا تېجەش، زىياننى ئازايتىشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.