تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، سودا پۇرسىتى ئىزدىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىمپورت كۆرگەزمىسى» دېيىلىدۇ) مەزگىلىدە، شىنجاڭ سودا ئۆمىكى بۇ مۇھىم سۇپا ۋە كۆزنەكتىن تولۇق پايدىلىنىپ، تاشقى ھەمكارلىق سودا پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ئوبرازىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىدۇ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي» باش تېمىسىدىكى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.

شىنجاڭ سودا ئۆمىكىنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى كۆرگەزمە رايونى جەمئىي 144 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ ئىجادىي لايىھەلەنگەن ۋە مەزمۇنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تۆت پەسىلدىكى ساياھەت مەنزىرىسى، ئات تېرىسىدىن چاڭغا ياساش ھۈنىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەتلەس توقۇش - بوياش ھۈنىرى، ئۇيغۇر مىللىتى چالغۇلىرىنى ياساش ھۈنىرى، جاڭغىر قاتارلىق ئالتە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرىنى نامايان قىلىدۇ. كۆرگەزمە رايونىدا جەمئىي 50 پارچە سۈرەت، 300 پارچىدىن ئارتۇق ئەمەلىي بۇيۇم كۆرگەزمە قىلىنىپ، شىنجاڭ ساياھىتى بىلەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئادىمىيەت گۈزەللىكى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، جانلىق نامايان قىلىنىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى. «بۇ بىزنىڭ 4 - قېتىم ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىمىز.» شىنجاڭ ئافەنشۇ بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لياڭ يۈخۇڭ مۇنداق دېدى: «ئىمپورت كۆرگەزمىسى <بايلىق توپلانغان جاي>، مەيلى كارخانا چوڭ - كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى پۈتۈن يەر شارىدىكى 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان كارخانا، تاۋار ۋە مۇلازىمەت بىلەن بىۋاسىتە ئۇدۇللىشالايدۇ، كۆپچىلىك ئېرىشىدىغان سودا پۇرسىتى ماس قەدەمدە بولىدۇ، تولۇق مۇۋەپپەقىيەت بىلەن قايتىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىشىگە كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.