تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تۆگە كەنتى»دىكى كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى توغرىسىدا سۆزلىدى

ئايشا ئوقاپ:

«تۆگە كەنتى»دىكى كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى توغرىسىدا سۆزلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر ما تيەنچى

«ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەدىن ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، كەنتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى پىكىر يولى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىياتنى پىلانلاپ، كەنتتىكى كەسىپلەرنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات قىلىمىز...» 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، فۇكاڭ شەھىرى شۈيموگۇ يېزىسى ليۇچېڭزى غەربىي كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ يىغىن زالى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ليۇچېڭزى غەربىي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئايشا ئوقاپنىڭ كەنتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قىلغان تۇنجى ئىشى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىگە ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەش بولدى.

«بۇ بىرنەچچە يىلدا، كەنتكە ئاسفالت يول تۇتاشتۇرۇلدى، تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزۈلدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن ھازىرقى ئەھۋالىمىزدىن قانائەتلىنىپ قالساق بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، بىز ياخشى كېڭىشىپ، كۈنلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك» دېدى كەنت ئاھالىسى شالقار ئۇراز ھاياجانلانغان ھالدا.

ليۇچېڭزى غەربىي كەنتى فۇكاڭ شەھىرىدىكى داڭلىق «تۆگە كەنتى». يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرى تۆگە باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنتتە ئۈچ تۆگە باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بار، پۈتۈن كەنتتىكى 381 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ 100 دىن كۆپرەكى تۆگە باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ، بۇلتۇر پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 20 مىڭ 800 يۈەنگە يەتتى.

«كەنتىمىز تۆگە باقمىچىلىقى خاس كەنتى، ھۆكۈمەتنىڭ بىزنىڭ تۆگە باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشىمىزغا قاراتقان يۆلەش سالمىقى زور، بىز بۇ خاس كەسىپنى زورايتىشىمىز ۋە كۈچەيتىشىمىز كېرەك» دېدى ليۇچېڭزى غەربىي كەنتى غازى ئوتلاق ـ چارۋا كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى قالىمغازى مۇتالىم، بۇ بىرنەچچە يىلدا، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت دېھقان ـ چارۋىچىلارنى تەشكىللەپ باقمىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، نەسىلنى ياخشىلاشنى ئومۇملاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە باقمىچىلارنى ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل، يەم ـ خەشەك ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق يۆلەپ، بۇ كەنتنىڭ تۆگە باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

كەنت ئاھالىلىرى ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلەپ، قىزغىن مۇزاكىرە قىلىشتى. يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ليۇچېڭزى غەربىي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قابات ئاجىباي بىر تەرەپتىن ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرغاچ، بىر تەرەپتىن كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپى ئۈستىدە ئويلاندى.

«ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى پۇختا تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كەنتىمىز فۇكاڭ شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ تۆگە باقمىچىلىقى خاس كەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خاسلىقتا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، ئىلمىي باقمىچىلىق قىلىش، تۆگە سۈتى مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ۋە يېزا ـ كەنت خاس ساياھەتچىلىكى يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، تۆگە باقمىچىلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئويلاشساق بولىدۇ» دېدى قابات ئاجىباي.

ئىلگىرى ليۇچېڭزى غەربىي كەنتىدىكى تۆگە سۈتىنىڭ ھەممىسىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشقا جايلاردىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىغا سېتىپ بېرەتتى، بۇنىڭدا سۈپەت ۋە باھانىڭ ھەممىسى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرايتتى. شۇڭا كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا بىر تۆگە سۈتى پىششىقلاش كارخانىسىنى كىرگۈزۈپ، ليۇچېڭزى غەربىي كەنتىنىڭ تۆگە سۈتى ماركىسىنى يارىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشتۈرۈشنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خاس باقمىچىلىق كەسپىدىن پايدىلىنىپ يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى تۆگىنى تاماشا قىلغاچ، يېڭى تۆگە سۈتىنى تېتىپ بېقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

كۆپچىلىكنىڭ ليۇچېڭزى غەربىي كەنتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈستىدە قىزغىن مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئايشا ئوقاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى.

«ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن پارتىيە ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم. كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، بۇ ھەم ماڭا نىسبەتەن غايەت زور ئىلھام بولدى، مەن كەنتتىكى باشقا پارتىيەلىك كادىرلار بىلەن بىرلىكتە، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنى ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلاشقا يېتەكلەيمەن» دېدى ئايشا ئوقاپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.