تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىمىز

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئورتاق تونۇش ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بورتالا ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پۈتۈن ئوبلاست بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى تۇتۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا جاسارەت بىلەن قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئالاتاۋ شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىمى گۈزەلنۇر غوپۇر مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئايال تەشۋىقاتچىلار قوشۇنىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، زورايتىپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى يەتكۈزۈپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئالاتاۋ شەھىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا يېڭى نەتىجە يارىتىمەن.

10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالىرى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەت نىشان ـ ۋەزىپىلىرىدە ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك؛ ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشى كېرەك؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇشى كېرەك؛ شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىشى كېرەك.

چاغانتوقاي ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ما خەي مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقىغا ئىنتايىن زور ئىلھام بەردى. مەن قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونى چاغانتوقاي شۆبە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چاغانتوقاي ناھىيەسى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىمەن».

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر، ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى. كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

ئىلى يىپەك يولى كەسپىي شۆيۈەنى (تەييارلىق) پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ تەيفېڭ مۇنداق دېدى: «بىز پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىللاشقان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تېخنىكا، ماھارەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىلى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرىمىز».

پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، ھازىر دەل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان پەيت. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغالدى. كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە، يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، يېڭىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئەمەت تۇرغۇن مۇنداق دېدى: «بىز پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خىزمەت پىكىر يولىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز».

قاراماي شەھىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، قاراماي شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمىز.

«پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا خەلقنى مەركەز قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىمىزغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.» قاراماي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئورقۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۆ خۇڭشۈن مۇنداق دېدى: «بىز پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئورقۇ رايونىدىكى ھەربىر كادىر، ئاممىغا يەتكۈزۈپ، پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئورقۇ رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز».

(مۇخبىر ۋېي يۇڭگۇي، قاتناشقان مۇخبىرلار سۇڭ ياۋېن، گې يوۋجۈن، خەن چىنيەن، جەزىرە نېسپبېك)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.