تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىن بەش تۈر 2020 ـ يىللىق دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنىدىن خەۋەر تارقالدى، 2020 ـ يىللىق دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتىدا جەمئىي 264 تۈر، ئون پەن ـ تېخنىكا مۇتەخەسسىسى ۋە بىر خەلقئارا تەشكىلات باھالاپ چىقىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن بەش تۈر دۆلەت پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بەش تۈر ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنى قاتنىشىپ تاماملىغان «كۆممىقوناق ئەلا سورت گېرمپىلازما بايلىقىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئېچىش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ پايدىلىنىش» تۈرى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك سۈپەت ئۆلچىمى ۋە تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى قاتنىشىپ تاماملىغان «سۈت ھەم سۈت مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىكىنى تىزگىنلەش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا» تۈرى، شىنجاڭ تيەنيې (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى قاتنىشىپ تاماملىغان «يۇقىرى ساپلىق/ دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى ساپلىقتىكى خىمىيەۋى بۇيۇملارنى دىستىللەپ ساپلاشتۇرۇش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە سانائەتتە ئەمەلىي قوللىنىش» تۈرى، شىنجاڭ جىنفېڭ پەن ـ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قاتنىشىپ تاماملىغان «تور مەنبەلىك قوشۇلۇشچان شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ھەم كۆلەملەشتۈرۈپ قوللىنىش» تۈرى، جۇڭگو نېفىت ـ خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى قاتنىشىپ تاماملىغان «چوڭ تىپتىكى مۇرەككەپ كاربوناتلىق تاش قاتلىمىدىكى نېفىت زاپىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ھەم ئەمەلىي قوللىنىش» تۈرىدىن ئىبارەت.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي 40 نەچچە تۈرلۈك نەتىجە دۆلەت پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى ۋە دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، يەنە بىر چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.