تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (9)

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

پەقەت ئىرادە ۋە ھەرىكەتكە كەلگەندىلا، نىشانغا چوقۇم يەتكىلى بولىدۇ. سەلتەنەتلىك مۇساپە پۇختا، ئەمەلىي كۈرەش قىلىشقا تايىنىدۇ، ئۇلۇغۋار نىشان باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتچانلىققا موھتاج. ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، جەزمەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ چىقتى. گۈزەل كەلگۈسى كىشىنى تەلپۈندۈرىدۇ، ئۇلۇغۋار نىشان كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا زىممىمىزگە ئالىدىغان تارىخىي مۇھىم ۋەزىپە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۆگىنىپ چىقىپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، يېڭى مۇساپىدە تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. مۇۋەپپەقىيەت ئۆتمۈشكە مەنسۇپ، بۇرچ كەلگۈسىگە يېتەكلەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ھەم تېپىلغۇسىز مۇھىم، زور پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ، ئۆزگىچە ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ، شۇنداقلا ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش قىيىن بولغان تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل ـ پاراسەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھنى تاۋلاش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىنتىلىش ئىشنى پىلانلاپ ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ ئاچقۇچى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىش تارىخىي مۇساپىسىدە، بىز ئەمەلىي ئىشلەيدىغان خىسلەتنى تاۋلىشىمىز، پارتىيە ۋە خەلققە پايدىلىق بولغانلىكى ئىشلارنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق بولغانلىكى ئىشلارنى دادىللىق بىلەن ئىشلەپ، قەتئىيلىك بىلەن ئىشلەپ، ئۈنۈملۈك ھالدا ئېغىر، زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور توسالغۇلارنى يېڭىش، ئېغىر، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا كوممۇنىستلارنىڭ ئىرادىسى، شىجائىتى، غەيرىتىنى نامايان قىلىشىمىز، چوڭ ھەق ـ چوڭ ناھەق ئالدىدا دادىللىق بىلەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، زىددىيەت ئالدىدا دادىللىق بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، كىرىزىس ئالدىدا دادىللىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش، سەۋەنلىك ئالدىدا دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىيات ئالدىدا دادىللىق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، قەتئىي ھالدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى ياخشى قوغدىشىمىز، ياخشى مۇقىملاشتۇرۇشىمىز، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىستىلنى تاۋلاش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى پارتىيەنىڭ ئوبرازى، پارتىيە ئەزاسى بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، خەلق رايىنىڭ مايىللىقىنى كۆزىتىدىغان بارومېتىر. بىز ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، راست گەپ قىلىپ، سەمىمىي گەپ قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا جان تىكىپ ئىلگىرىلەيدىغان، جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىدىغان چىدامچان كالا روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تاش ـ تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك خىزمەت ئىستىلى بىلەن خىزمەتلەرنى بىر ـ بىرلەپ ئالغا سىلجىتىپ، بىر ھالقا ـ بىر ھالقىدىن چىڭ تۇتۇپ، مەسىلىنى بىر ـ بىرلەپ ھەل قىلىپ، تۈرلەرنى بىر ـ بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلارنى بىر ـ بىرلەپ ياخشى بېجىرىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۇرۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.

ئۇلۇغ نىشان ئالدى تەرەپتە چاقىرماقتا، داغدام يول ماڭغانسېرى كېڭەيمەكتە. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، جاسارەت بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.