تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

11 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو قەشقەر نانچىلىق كەسپىي يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

قەشقەر تېخنىك شۆيۈەنىنىڭ ئەمەلىي مەشىق بازىسىدا، چېن چۈەنگو نەتىجىلەر كۆرگەزمىسى، ئەمەلىي مەشىق مەشغۇلاتى، نەق مەيداندا ئوقۇتۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەستايىدىل كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: كەسىپ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، بازار ئېھتىياجىغا يېقىنلىشىپ، ئەۋزەللىك، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو قەشقەر نانچىلىق كەسپى يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانا مەسئۇللىرى ۋە ھەر مىللەت ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىش، بازارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ چېڭبېي سانائەت باغچە رايونى، پەيزاۋات ناھىيەسى باغچە رايونىدا، چېن چۈەنگو باغچە رايونىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، تىجارەت ـ باشقۇرۇش، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېتىبار سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەلا مۇلازىمەت ئارقىلىق ياخشى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى يارىتىپ، كەسىپ تۈرلىرىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنى توپلاش ئىقتىدارى ۋە تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. چېن چۈەنگو كارخانىلارنى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رىقابەت ۋە تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تىرىشىپ كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

چېن چۈەنگو يەنە قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلە يېزىسى يۇقارقى قاقۇللا كەنتىگە كېلىپ، دېھقانلار ئائىلىسى، دېھقانلار ئارامگاھى، كەنت قۇرغان زاۋۇت قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، يېزا ـ كەنت كادىرلىرى ۋە ھەر مىللەت ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام بازا قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبدىشى، سىردىشى، يول باشلىغۇچىسى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مۇجەسسەملەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. كەنت ئاھالىسى قەيسەر ئېلىنىڭ ئۆيىدە چېن چۈەنگو بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشلەش، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش، داۋالىنىش، ئوقۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان غەيرەت ـ شىجائەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىش كېرەك. ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىلىرىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «تۆتنى توختاتماسلىق»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ـ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش ـ يۆلەش تۈزۈم ـ مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىسلاھاتى ۋە يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، پۇقرالار غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنى ياخشى قىلىش داۋامىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي، ياخشى پىلانلاش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى نىڭپىڭ قاتارلىقلار بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.