ئاپتورى: جۇ چاڭخۇا
كەچ كۈزدە، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسى خوجېرتى موڭغۇل مىللىي يېزىسىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانىغا كەلگىنىڭىزدە، خىلمۇخىل رەڭلەرگە كىرگەن دەل-دەرەخلەرنىڭ ئېگىز-پەس تۆپىلىكلەرنى رەڭدار تۈسكە كىرگۈزگەنلىكىنى كۆرىسىز. تاغ ئارىلىرىنى نېپىزغىنا، شالاڭغىنا بىر قەۋەت قار قاپلىغان، ئېرىقلاردا سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ، تىپتىنچ شۈيمۇگوۋغا كىچىككىنە «شاۋقۇن-سۈرەن» قوشقان بولۇپ، رەڭلىرى ئوبدان تەڭشەلگەن بىر پارچە كۈز رەسىمى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9-شى شياۋبەيياڭ ئوتتۇرا مەكتىپى)