تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەممە ئائىلىدە سۈزۈك سۇنىڭ ئېقىپ تۇرۇشى ئۈچۈن

جياڭ خەي:

ھەممە ئائىلىدە سۈزۈك سۇنىڭ ئېقىپ تۇرۇشى ئۈچۈن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگىس

10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىدىكى مەلۇم چېقىش - كۆچۈرۈش رايونىدا، مۇخبىر سۇ تۇرۇبىسىنى جىددىي رېمونت قىلىۋاتقان جياڭ خەينى كۆردى. «چېقىش - كۆچۈرۈش جەريانىدىكى كولاشتا سۇ تۇرۇبىسى بۇزۇلۇپ كەتكەچكە، تېخى چېقىلمىغان - كۆچۈرۈلمىگەن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە سۇ توختاپ قالدى، بىز ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ رېمونت قىلىشىمىز كېرەك» دېدى جياڭ خەي.

جياڭ خەي ئاقسۇ سۇچىلىق - مۇھىت قوغداش گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى. «خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرىمۇ ئۆزى نەق مەيدانغا جىددىي رېمونت قىلغىلى كېلەمدۇ؟» مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جياڭ خەي مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، جەزمەن نەق مەيدانغا كېلىپ، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىم كېرەك».

خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولغان ئالتە يىلدا، جياڭ خەي ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىۋېتىش ھادىسىسىدىن 400گە يېقىننى بىر تەرەپ قىلدى. «ئاممىنىڭ مەنپەئىتىدە كىچىك ئىش يوق، خىزمەتنى جان - دىل بىلەن، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەش كېرەك» دېدى جياڭ خەي.

ئاھالىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، جياڭ خەينىڭ يان تېلېفونى ئالتە يىلدىن بۇيان ئېتىلىپ باقمىدى، ئۇ يان تېلېفون نومۇرىنى تەۋەلىك رايوندىكى 380دىن ئارتۇق ئاھالىلەر تۇرمۇش ئولتۇراق رايونىدىكى سۇ ئىشلىتىدىغان 110 مىڭ خېرىدارغا ئېيتىپ بەردى.

«ئاھالىلەر ئىشتىن چۈشكەندە ۋە بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەم ئالغاندا، تېلېفون بېرىپ مەسلىھەت سورايدىغانلار بىرقەدەر كۆپ. سۇ كارتىسى قەرز بولۇپ قېلىش سەۋەبىدىن سۇ توختاپ قالغاندا، ئەگەر ئىشتىن چۈشكەن بولساق، بىز سۇ پۇلىنى ئالدىن چىقىم قىلىش شەكلى ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ سۇ توختاپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز» دېدى جياڭ خەي.

تېلېفوندا بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزى نەق مەيدانغا ئادەم ئەۋەتىدۇ. ئۇلار ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى 20 مىنۇت ئىچىدە جەزمەن ئىش ئورنىغا بېرىپ بولۇش كېرەك، بۇ، جياڭ خەينىڭ ھەربىر خىزمەتچى خادىمغا قويىدىغان ئاساسىي تەلىپى. «ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان <ئاۋۋال ھەل قىلىش، ئاندىن چۈشەندۈرۈش> خىزمەت شەكلى تەۋەلىك رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى» دېدى خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزى تەۋەلىك رايونىنىڭ دىرېكتورى جاڭ خۇ.

تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەر سەۋەبىدىن شەھەر مەمۇرىيىتى تۇرۇبا تورىغا تۇرۇبا سۈيى ئۇلاش مۇمكىن بولمىغاچقا، ئاقسۇ شەھىرى جەنۇبىي شەھەر كوچا باشقارمىسى ۋوگزال مەھەللىسىدىكى 50 نەچچە ئائىلىلىك قۇدۇق سۈيى بىلەن كىر يۇيۇپ، تاماق ئېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى. جياڭ خەي تەشەببۇسكار ھالدا مەھەللە كادىرلىرى بىلەن ئالاقىلەشتى ھەم سۇچىلىق گۇرۇھىغا قۇرۇلۇش كۈچى ۋە مەبلەغ ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلدى. «بىر ئاي قۇرۇلۇش قىلىنىپ تۇرۇبا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن بىز تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇق، بۇ، مۇدىر جياڭ خەينىڭ ياردىمىدىن بولدى» دېدى ۋوگزال مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جاۋ جيۇگۈي مەمنۇن بولغان ھالدا.

2020 - يىلى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، ئاھالىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جياڭ خەي خېرىدارلار مۇلازىمەت مەركىزىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى يېتەكلەپ «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاقىتلىق سۇ سېتىش گۇرۇپپىسى» قۇرۇپ، كۆچمە سۇ سېتىش ئاپتوموبىلى ئارقىلىق ئاھالىلەرنى سۇ سېتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇلار ئاقسۇ شەھىرىنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىنى ئايلىنىپ، جەمئىي 326 قېتىم قاتناپ، 70تىن ئارتۇق ئولتۇراق رايونغا بېرىپ سۇ ساتتى.

بۇ يىل 7 - ئايدا، جياڭ خەيگە «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىلدى. «سۇ بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇش كاپالىتىگە مۇناسىۋەتلىك، مەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مېنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىم، ئاممىنىڭ رازى بولۇشى مېنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئېتىراپ قىلغانلىق» دېدى جياڭ خەي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.