تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان ساھەلەردە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان ساھەلەردە يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىك سەپ سىستېمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغاش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرلىك سەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى خىزمەتلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىغا دائىر تەتقىقات، شەرھلەش ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پائال تۈردە مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ياڭ فاسېن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەنگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئەمەلىيىتىگە تولۇق بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ رەھبەرلەر باشلامچى بولۇش، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، يېتەكلەپ، تېزدىن ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغاش كېرەك؛ يېڭى سىياسەت، يېڭى تەلەپ، يېڭى تەدبىرلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئۆزى مەسئۇل بولغان ساھەدىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ پىلانلاپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.