تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن دۆلەت دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان مەھەللىدىن ئونى كۆپەيدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 5 - تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان مەھەللىلەرنىڭ تىزىملىكى يېقىندا ئېلان قىلىنغان، شىنجاڭدىن ئون مەھەللە تىزىملىككە كىرگەن.

بۇ ئون مەھەللە: غۇلجا شەھىرى سايبويى كوچا باشقارمىسىنىڭ ئەخمەتجان يولى شىمالىي مەھەللىسى، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونىنىڭ يىنخې يولى كوچا باشقارمىسى تۇڭشۈن مەھەللىسى، سانجى شەھىرى لۈجوۋ يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ جۈخې مەھەللىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونىنىڭ چىداۋان كوچا باشقارمىسى كۆرگەزمە مەھەللىسى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) گاۋشىن كوچىسى تەۋەلىك رايونىنىڭ كۇنمىڭ يولى مەھەللىسى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ كوناشەھەر يولى كوچا باشقارمىسى بىنخۇ مەھەللىسى، خوشۇت ناھىيەسى تېۋلغا بازىرىنىڭ لۇڭجۈ مەھەللىسى، كۇچا شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسىنىڭ شىڭخۇايۈەن مەھەللىسى، ئاتۇش شەھىرى بەخت كوچا باشقارمىسىنىڭ پامىر غەربىي يولى مەھەللىسى، خوتەن شەھىرى نۇرباغ كوچا باشقارمىسىنىڭ ئۈرۈمچى شىمالىي يولى مەھەللىسىدىن ئىبارەت.

بۇ مەھەللىلەر تەۋەلىك رايونىدا ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئەمگەكچىلەر، تىزىملانغان ئىشسىزلار ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بىردەك %95تىن تۆۋەن بولمىغان، ئىشسىز قالغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقانلار يوق بولغان؛ تەۋەلىك رايونىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارنىڭ تىزىملىتىش نىسبىتى %100 بولغان، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر بېكىتىلگەندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىلگەن؛ تاكامۇللاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتى تۈزۈمى بار بولغان بولۇپ، كاپالەت تەدبىرلىرى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمىتىدە ئۇدا ئۈچ يىل ئاممىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەرزى بولمىغان؛ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) يۇلتۇز دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان مەھەللە، دەپ بېكىتىلگەن، خىزمەت ئۇسۇلى ۋە خىزمەت تەدبىرىدە يېڭىلىق يارىتىلغان بولۇپ، بىرقەدەر كۈچلۈك تىپ خاراكتېرگە، ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرگە ئىگە.

بېكىتىلگەن مەھەللىلەر ھۆكۈمەت ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى نەتىجىسىنى سېتىۋېلىش، مۇكاپات خاراكتېرلىك ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مۇناسىپ مەبلەغ مەدىتىگە ئېرىشىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى جېنجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان مەھەللە بەرپا قىلىش ھەر تەرەپلىمە ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاساسلىق تەدبىر، شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا. تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان مەھەللە قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خىل تىپىك يېتەكلەش شەكلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ياخشىلاشنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، دۆلەت دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان مەھەللىلەر ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بىر قېتىم باھالاپ چىقىلىدىكەن، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان مەھەللىلەر بىر يىلدا بىر قېتىم باھالاپ چىقىلىدىكەن. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان مەھەللىدىن 29نى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان مەھەللىدىن 203نى بېكىتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.