تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، تەيشەن تېغىدەك مەزمۇت قىلايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (8)

□ گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئاچقۇچ پارتىيەدە. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا مۇنداق تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى تۈرلۈك ئىشلاردا غەلىبە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، بارلىق خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش - ياخشى ئىشلىيەلمەسلىكتىكى ئەڭ تۈپ ئاساس پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنىڭ قەتئىي، كۈچلۈك بولغان - بولمىغانلىقىدا. ئۆتكەن بەش يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دانا تەدبىرى، كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىپ، سىياسىي قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلىنىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىۋى خىزمەت ھەقىقىي كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەندى.

تۈۋرۈكلۈك رولى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىنى جانلىق شەرھلەپ بەردى.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، شىنجاڭ خىزمىتىدە خىرىس ۋە پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى شۇنچە قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەش، ئومۇملاشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىنى دائىملىق ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۇنىڭ بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلاردىكى كادىرلارنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىنىڭ كۈچىنى تولۇقلاپ، كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قىلچە ئالاھىدە بولۇۋالماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى پۇختىلاپ، كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

ھەيۋەتلىك تاغلارنىڭمۇ جەزمەن بىر ئاساسىي چوققىسى بولىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، تەيشەن تېغىدەك مەزمۇت قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.