تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت ئىقتىسادى تەكشى، مۇقىم، تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادى تەكشى، مۇقىم، تېز سۈرئەتتە ئاشقان. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ئارقىلىق، 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 4.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.4 ئاشقان.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %8.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 3.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ قوشۇلما قىممىتى %15.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 7.6 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭكىدىن 7.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئاشقان. 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 931 مىليارد 747 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %33.9 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرغان پايدىسى 127 مىليارد 963 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1.8 ھەسسە ئېشىپ، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %53.2 ئاشقان. بۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىغان، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قوشۇلما قىممىتى %14.9 ئاشقان.

بۇ يىل، ياسىمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى كۆرۈنەرلىك تېزلەشكەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %12.6 ئېشىپ، ئۆسۈش نىسبىتى باشقا ئىككى تۈردىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان؛ كانچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6.2 ئاشقان، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %14.1 ئاشقان.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىل يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى زور دەرىجىدە ئاشقان. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %54.8 ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سانائەت ساھەسىدىكى 40 چوڭ تۈر ئىچىدە، 28 ساھەنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئېشىپ، %70نى ئىگىلىگەن. ئون ئاساسلىق ساھەنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھەممىسىدە ئېشىش ئىشقا ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە ساھەنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئۆرلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.