تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى %23 ئاشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئون ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى 102 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى 29 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت بولغان. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارىنىڭ ئۇدا ئىككى يىل 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىشى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يىل 9 - ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتتى. بۇ يىلنىڭ 3 - پەسلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى ئۇدا ئۈچ ئاي 10 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى ھەم رايون ھالقىغان، ئۆلكە ھالقىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسىدىن 46 قېتىم يېڭىدىن كۆپىيىپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى يېڭىدىن 13 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەت كۆپىيىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارغا ياردەم بەردى.

شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى سودا بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس مەسئۇلى جاڭ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 102 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش پۈتۈن مەملىكەتتىكى 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالىنىڭ 34 كۈنلۈك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان توك ئېھتىياجىنى قامدىغانغا باراۋەر. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن يىلدا سىرتقا يەتكۈزىدىغان توك مىقدارىنى 120 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشۇرۇپ، توك كەمچىل ئۆلكىلەرنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئىمكانقەدەر قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى سىرتقا يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. بۇ يىل سىرتقا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان كۆپ خىل مېخانىزم ئاساسىدا، كونترول قىلىنىدىغان كۆپ رايون ھەمكارلىشىپ ماسلىشىدىغان، كۆپ توك مەنبەسى تىپى ھەمدەم بولۇپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان پەرقلىق ھەل قىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى شەكىللەندۈرۈپ، يانداش ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ توك تارقىتىشىنى كۆپەيتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازار ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش سودىسىنى تەشكىللەپ، سىرتقا يەتكۈزۈشكە تېگىشلىك توك مىقدارىنى تولۇق يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشى شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ زور بىر تۈركۈم ئېلېكتىر تورى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى 1 مىليون 800 مىڭ كىلوۋات ئاشۇردى؛ 186 تۈرلۈك توك توختىتىش پىلانىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېلېكتىر تورى سىرتقا يەتكۈزىدىغان توك مىقدارىنى 300 مىليون كىلوۋات سائەت كۆپەيتتى؛ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى ۋە لىنىيەدە مەشغۇلات قىلىش، ئاسراشنى كۈچەيتىپ، سىرتقا يەتكۈزۈش يولىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.