تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ «13 - بەش يىل»لىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان چاغدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ «13 - بەش يىل»لىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان چاغدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى كۈچەپ زورايتىپ، يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا سۈپەت ئۆزگىرىشى ياساش، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى ياساش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشى ياساشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، شەرەپلىك تارىخىي بۇرچنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن پەن - تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» «<بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پىروگراممىسى (2021 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە)>نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «(دۆلەت ئۆلچەملەشتۈرۈش تەرەققىيات پىروگراممىسى)نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش، تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش چارىسى» تەتقىق قىلىندى، قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر تەرەققىياتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، سىستېمىلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرمىسى يىرىك پىلانى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىنى تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شەھەر - يېزا ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قاتتىق قوغداپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلەن ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىش، قوللىنىش، قوغداش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ تۈزەش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ تۈزەش ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەمنىڭ خەلقئارالىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن رايون بويىچە ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئۆلچەم سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە، ھەقىقىي نازارەت قىلىش، ئەمەلىي تەكشۈرۈشتە، قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈشتە، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن تارتىپ باشقا رەھبىرىي كادىرلارغىچە، ھەتتا بارلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارغىچە بولغان يېپىق ھالقىلىق مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش، ئۈنۈمنى پۇختا تۇتۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراقنى كۆزلەپ، كېلەر يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلمىي، ياخشى پىلانلاپ، « 14 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.