تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش بىر نىيەتتە خەلقنى كۆزلەش

− شىبەيپو روھى توغرىسىدا بايان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى فەن سىشياڭ، يەن چىلېي

شىبەيپو، پارتىيە تارىخىغا مەڭگۈلۈك خاتىرىلەنگەن مەنىۋى بەلگە.

70 نەچچە يىل ئىلگىرى، يېڭى جۇڭگو بۇ جايدىن كەلگەن − 1948 ـ يىلى 5 ـ ئايدىن 1949 ـ يىلى 3 ـ ئايغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ پىڭشەن ناھىيەسىدىكى شىبەيپودا ئىش بېجىرىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلىدى، بۇ جاي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن جۇڭگونى ئازاد قىلىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر يېزا قوماندانلىق ئىشتابى» بولدى.

70 نەچچە يىلدىن كېيىن، «ئىمتىھانغا بېرىش» يولى يەنىلا داۋاملاشماقتا − «پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار <ئىككى جەزمەن>نىڭ چوڭقۇر ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باشتىن ـ ئاخىر كەمتەر ـ ئېھتىياتچان بولۇش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، بىر نىيەتتە خەلقنى كۆزلەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، زامان ـ ماكان ھالقىپ ياڭرىغان شىبەيپو روھى بىزنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە مەردانە قەدەم تاشلاشقا رىغبەتلەندۈردى.

ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىدىغان مەنىۋى كۈچ

1949 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، پارتىيە 7 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ ئومۇمىي يىغىنى شىبەيپودا ئېچىلدى.

ئۇزۇنچاق سېلىنغان كېسەك ئۆي ئەينى يىلى 7 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ يىغىن مەيدانى بولغانىدى. يىغىن مەيدانى ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى روھ ئۆچمەيدۇ.

پارتىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يېزىدىن شەھەرگە يۆتكىلىش قاتارلىق يېڭى تارىخىي شارائىت ئالدىدا، ماۋ زېدۇڭ يىغىندا «ئىككى جەزمەن»نى ئوتتۇرىغا قويدى − «يولداشلار جەزمەن كەمتەر بولۇش، ئېھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلانماسلىق، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق ئىستىلىنى داۋاملىق ساقلىشى، يولداشلار جەزمەن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى داۋاملىق ساقلىشى كېرەك».

«ئىككى جەزمەن» مەڭگۈ شۇنداق قىلىش كېرەك دېگەنلىك. بۇ 40 خەتلىك قىسقىغىنا سۆز جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچىنىڭ مېغىزلىق ئىزاھاتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى مۇنداق كۆرسەتكەن: يولداش ماۋ زېدۇڭ ئەينى يىلى شىبەيپودا ئوتتۇرىغا قويغان «ئىككى جەزمەن» دۆلىتىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى مالىمانچىلىقنى تۈزەش قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئۆرنەك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پارتىيەمىزنىڭ مىسلىسىز جاپالىق كۈرەش مۇساپىسىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، غەلىبە قىلغان سىياسىي پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشىنى، پات ئارىدا دۇنياغا كېلىدىغان خەلق ھاكىمىيىتىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان چوڭقۇر ئەندىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پارتىيەمىزنىڭ جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇشىغا بولغان چوڭقۇر تونۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىدىيەۋى ئەھمىيىتى ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە ئۇزاق.

جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلەش، يول ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەش.

100 يىل ئىلگىرى، پارتىيەمىز ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىك بولۇۋاتقان كونا جۇڭگودا دۇنياغا كەلگەن. كەمتەر ـ ئېھتىياتچان بولۇش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، پارتىيەمىز باسقان ھەربىر قەدىمىدە، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىس، جاپا ـ مۇشەققەت، خەتەرلىك توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ماڭدى.

دەۋر ئۆزگىرىۋاتىدۇ، روھنىڭ كۈچى مەڭگۈ كىشى قەلبىدە مەۋج ئۇرىدۇ. قىزىل مۇنبەت تۇپراقتا بارلىققا كەلگەن شىبەيپو روھى خۇددى ئاگاھ قوڭغۇرىقىغا، ھۇجۇم دۇمبىقىغا ئوخشاش، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى شەرەپلىك ئەنئەنىنى مەڭگۈ ساقلاپ، غايە ـ ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، مەڭگۈ ئالغا بېسىشقا ئۈزلۈكسىز يېتەكلىمەكتە، ئىلھاملاندۇرماقتا.

«ئازاد رايوندا تۇغۇلۇپ، يېڭى جۇڭگودا چوڭ بولدۇم، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭ دولقۇنىدا كۈرەش قىلىپ، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىنى يېڭى دەۋردە خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋاتىمەن.» بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى يەن چىڭخەي شىبەيپودىكى داڭلىق خالىس چۈشەندۈرگۈچى. يەن چىڭخەينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەن. گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ «بىر ئۆمۈر ھۇرۇنلۇق قىلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن»، شۇنداقلا بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىبەيپو روھىنى تەشۋىق قىلىشتا چىڭ تۇرغان.

ئىنقىلابىي روھ بۈگۈننى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كەلگۈسىگە ئىلھام بېرىدۇ.

بۇنىڭدىن كېيىن، مەيلى ئىشلىرىمىز قانچىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلسۇن، قانچىلىك زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەيلى، شىبەيپو روھىنى تەكىتلەش ھامان بىزنى مەنىۋىيەتتىكى تىرەك، ئېتىقادتىكى قەتئىيلىك، غايىدىكى ئىزچىللىق بىلەن تەمىنلەپ، بىزنى ئۈزلۈكسىز غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىتىدۇ.

خەلققە بولغان مەڭگۈ ئۆڭمەس مېھىر ـ مۇھەببەت

شىبەيپو خاتىرە سارىيىدىكى بىرنەچچە پارچە رەڭسىز سۈرەتتە تارىخ خاتىرىلەنگەن.

1947 ـ يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت كومىتېتى شىبەيپودا مەملىكەتلىك يەر خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، «جۇڭگونىڭ يەر قانۇنى پىروگراممىسى»نى ماقۇللىدى. «يەر تېرىغۇچىنىڭ يېرى بولۇش» جۇڭگو خەلقىنىڭ «قەد كۆتۈرۈپ ئىگىلىك تىكلەش»قىزغىن ئارزۇسىنى ئويغاتتى. پىروگرامما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئازاد رايونلاردا يەر ئىسلاھاتى قىزغىن دولقۇنى تېز شەكىللەندى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى پۇختا ماددىي كۈچ ۋە ئاممىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىن باشلاپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولدى، ھەممىدە خەلقنى كۆزلىدى، ھەممىدە خەلققە تاياندى.

«ئەڭ ئاخىرقى بىر چىنە گۈرۈچ ھەربىي ئوزۇق ـ تۈلۈك قىلىشقا يەتكۈزۈپ بېرىلدى، ئەڭ ئاخىرقى بىر چى رەخت ھەربىي فورما تىكىشكە يەتكۈزۈپ بېرىلدى، ئەڭ ئاخىرقى بىر كونا پاختىلىق چاپان نوسىلكىغا يېپىلدى، ئەڭ ئاخىرقى بىر يۈرەك پارىسى جەڭ مەيدانىغا ئۇزىتىلدى...» خاتىرە سارىيىدىكى بىر غالتەك ھارۋا ئالدىدا، چۈشەندۈرگۈچى ئۇرۇش يىللىرىدا كەڭ تارقىلىپ ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ خەلق ناخشىسىنى ئېيتتى.

خۇەيخەي ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى خەلق ئاممىسىنىڭ غالتەك ھارۋىسىغا تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈلدى؛ چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى پۇقرالارنىڭ كىچىك كېمىسىگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈلدى؛ قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش پۇقرالارنىڭ يەڭ تۈرۈپ ئىشلىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلدى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىش مىليونلىغان خەلقنىڭ تولۇپ تاشقان جاسارىتى ۋە قىزغىنلىقى ئارقىلىق يارىتىلدى...

100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ چىن قەلبتىن قوللىشىغا ئېرىشتى؛ 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ئۈزلۈكسىز قويۇقلاشتۇردى.

2013 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىبەيپودىكى سېنتەبىر يىغىنى ئېچىلغان ئورۇندا ناھىيە، يېزا كەنت كادىرلىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچقاندا مۇنداق بىلدۈردى: ھەر قېتىم كەلگىنىمىزدە پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتى جەھەتتە بىر قېتىملىق جانلىق تەربىيەگە ئىگە بولىمىز، خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش ئېڭىمىز ۋە خەلققە بولغان مېھىر ـ مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ چىڭىيىدۇ.

پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىن «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىگىچە، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدىن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگىچە، پارتىيەمىزنىڭ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىگە ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىندى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا 1800دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى نامراتلارنى يۆلەش بىرىنچى سېپىدە قۇربان بولدى؛ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا 42 مىڭدىن ئارتۇق دوختۇر ـ سېسترا قارشى يۆنىلىشتە سەپەرگە ئاتلاندى، قۇربان بولغان دوختۇر ـ سېسترالار ئىچىدە پارتىيە ئەزالىرى %70تىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى... خەلق ئۈچۈن ۋۇجۇدقا كېلىش، خەلق ئۈچۈن گۈللىنىش، باشتىن ـ ئاخىر خەلق بىلەن بىللە بولۇش، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بارلىق جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز.

يېڭى مۇساپىدە قايتا «ئىمتىھانغا بېرىش»

1949 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ماۋ زېدۇڭ مەركەز ئورگىنىنى باشلاپ شىبەيپودىن ئايرىلىپ، بېيپىڭغا قاراپ يولغا چىقتى. يولغا چىقىش ئالدىدا، ماۋ زېدۇڭ جوۋ ئېنلەيگە مۇنداق دېدى: بۈگۈن بېيجىڭغا كىرىدىغان كۈن، بېيجىڭغا «ئىمتىھانغا بېرىش»قا ماڭدۇق. جوۋ ئېنلەي مۇنداق دېدى: بىز ھەممىمىز ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇشىمىز، چېكىنمەسلىكىمىز كېرەك. ماۋ زېدۇڭ مۇنداق دېدى: چېكىنسەك مەغلۇپ بولغان بولىمىز. بىز ھەرگىز لى زىچېڭ بولمايمىز، ھەممىمىز ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بېيجىڭغا «ئىمتىھانغا بېرىش»تىن كېيىنكى 70 نەچچە يىلدا، پارتىيەمىز چوڭ ئىمتىھانلاردا ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى.

لېكىن پارتىيە دۇچ كەلگەن «ئىمتىھانغا بېرىش» تېخى ئاخىرلاشمىدى. يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، ئورتاق بېيىش... بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئىمتىھانغا بېرىش» يولىدا داۋاملىق ماڭماقتا.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تارىخى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلغان تارىخ، شىبەيپودىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتى تېخىمۇ چوڭقۇر. بۇ يىل باھار بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، پىڭشەن ناھىيەسىنىڭ شىبەيپو بازىرى بېيجۇاڭ كەنتىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى يۇرتداشلارنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

«بۇ يىللاردا، بىز كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، لېكىن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنە شىبەيپو قىزىل ساياھىتى ۋە تاغلىق رايون خاس ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى سەيلە ـ ساياھىتىگە سىڭىشىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.» كەنتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات پىلانى ئۈستىدە توختالغاندا، شىبەيپو بازىرى بېيجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى فېڭ خۇڭجۈەننىڭ پىكىر يولى ئېنىق ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىبەيپودىكى كەڭ كادىرلار، ئامما مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، «ئىمتىھانغا بېرىش» روھى بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئىمتىھان قەغىزىگە جاۋاب يازماقتا.

«ئىمتىھانغا بېرىش» توختاپ قالمايدۇ، كۈرەش ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.

ئىلگىرى، بۇ يەردىن يولغا چىققان بىر يېپيېڭى جۇڭگو دۇنياغا يۈزلىنىپ مەردانە ئىلگىرىلىگەنىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەردىن قايتا يولغا چىققان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىبەيپو روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك ئىپتىخارلىنىش ئىلكىدە يېڭى سەھىپە پۈتمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.