تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ قايتا ئاتلىنىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىدىكى تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ ئىستىقبالى پارلاق، يېڭى مۇساپە كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ قايتا ئاتلىنىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سىن يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پۈتۈن ئوبلاست بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچنى قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىشى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەربىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى قاپلاش، ھەربىر ئائىلىگىچە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، ئەتراپلىق ئىگىلەش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. لېكسىيە سۆزلەشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قۇرۇلتاي روھىنى ئېنىق، چۈشىنىشلىك سۆزلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتەپلىرى مۇددەتكە، تۈركۈمگە بۆلۈپ، پۈتۈن ئوبلاستتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەركەزلىك تەربىيەلىشى كېرەك.

«بىز پۈتۈن ئوبلاستنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، قۇرۇلتاي روھىنى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى، <ھاجەتخانا ئىنقىلابى>، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپلەردە كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرىمىز» دېدى سانجى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئوبلاستلىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يىن جيەنچۇن.

10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەينەن ئۆگىنىش، ھەقىقىي ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چۈشىنىشى كېرەك؛ قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈش، ئۆگىنىشكە تەشكىللەش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىش، كونسۇلتاتسىيە قىلىش لېكسىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، قايتا ـ قايتا ئۆگىنىشى كېرەك؛ ئوبلاستلىق، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتەپلىرى مۇددەتكە بۆلۈپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ، قاتلامغا بۆلۈپ پۈتۈن ئوبلاستتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلىشى كېرەك. كىشىلەر قەلبىنى كەڭ دائىرىدە مايىل قىلىپ، مىننەتدارلىق تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پۈتۈن ئوبلاستتىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

«بىز قۇرۇلتاي روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىمىز» دېدى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جۈنپىڭ.

10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، قومۇل شەھىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، قۇرۇلتاي روھىنى ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەردە تەشۋىق قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق بولۇش، تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭىشى، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى چېڭخۇي مۇنداق بىلدۈردى: قومۇل شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش لايىھەسى تۈزۈپ، ئۆگىنىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرگە تېزدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كەم ـ كوتسىز تۈرتكە بولىدۇ.

قومۇل شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيە، ھەرقايسى ئورۇن، مەھەللە، يېزا(بازار)، كەنتلەرمۇ بەس ـ بەستە سەپەرۋەرلىك يىغىنى، لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، پۈتۈن يىللىق تۈرلۈك خىزمەت نىشان ـ ۋەزىپىلىرىدە ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىر تەرەپتىن پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىسە، بىر تەرەپتىن ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش جەريانىدا شەھەر ـ يېزىلاردىكى ئاممىنى غەيرەتكە كېلىش، پىكىر يولىنى كېڭەيتىش، تەرەققىياتنى كۆزلەشكە يېتەكلىدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتىكى ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، قۇرۇلتاي روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، يىلتىز تارتىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى. بۇ ئىدارە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ يىڭشەن مۇنداق دېدى: «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، بىز قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىمىز، سۈپىتىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرىمىز».

(مۇخبىر جاڭ جىلى، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋېي يۇڭگۇي، گې يوۋجۈن، سۇڭ ۋېيگو، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاۋ شيا)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.