تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يىغىپ ساقلىغان نەچچە ئون مىڭ بۇيۇم ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلىدى

لى جيەن:

يىغىپ ساقلىغان نەچچە ئون مىڭ بۇيۇم ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلىدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

ماناس ناھىيەسى لەنجوۋۋەن بازىرى لەنجوۋۋەن يېڭى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى جيەننىڭ ئۆيىگە كىرگەندە خۇددى ئىلگىرىكى چاغلار بىلەن ئۇچراشقاندەك تۇيغۇغا كەلدىم. چاقىرغۇ، داگېدا، كونا ئۈستەل سائىتى، تەپمە كىيىم تىكىش ماشىنىسى... 40 نەچچە يىلدا، 60 ياشلىق لى جيەن نەچچە ئون مىڭ كونا بۇيۇمنى يىغىپ ساقلىغان بولۇپ، ئۆينىڭ بۇلۇڭ ـ پۇچقاقلىرىنىڭ ھەممىسى لىق تولۇپتۇ.

لى جيەن كونا بۇيۇملاردىكى گۈزەللىكنى بايقاشنى ياخشى كۆرىدىكەن، «مەن يىغىپ ساقلىغان بۇ بۇيۇملارنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتىكى كىشىلەر تۇرمۇشتا شاللىۋەتكەن بۇيۇملار، مەن بۇلارنى رېمونت قىلىپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن كۆپچىلىككە قايتا كۆرسەتسەم، بۇ كونا بۇيۇملارغا يېڭى ھاياتلىق ئاتا قىلغاندەك ھېس قىلىمەن».

ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ كونا بۇيۇملارنىڭ جېنى، ھارارىتى، ھېكايىسى بار ئىكەن. ئۈستەلگە پارقىراپ تۇرغان فارفۇر بۇيۇملار، يۈرۈشلۈك چىنىچەينەك، يىپ ـ يىڭنە سېۋىتى تىزىلغان، تامغا ئاپئاق بىرېزېنت سومكا ئېسىلغان، بىر ياغاچ غالتەك ئۆينىڭ سىرتىدا توختىتىلغانىدى... لى جيەن يىغىپ ساقلىغان بۇيۇملار ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، نېمە دېسە شۇ بار ئىكەن، بۇ كونا بۇيۇملارنى كۆرۈپ، خۇددى ۋاقىت ئاستىلاپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم.

بۇ كۆرگەزمە بۇيۇملار ئارىسىدا يەنە مەخسۇس «چوت كۆرگەزمە سۇپىسى» بار بولۇپ، توغرا ياغىچى يوق چوت، توققۇز ئۇرۇقلۇق چوت، بىر مېتىردىن ئارتۇق ئۇزۇنلۇقتىكى چوڭ چوت تىزىپ قويۇلغانىدى... «بۇ يەردە قول بىلەن ئايلاندۇرۇلىدىغان ھېسابلاش ماشىنىسى بار، مەن ئۇنىمۇ چوت كۆرگەزمە سۇپىسىغا تىزىپ قويدۇم.» لى جيەننىڭ ئېيتىشىچە، 20 ـ ئەسىرنىڭ 80 ـ يىللىرىدا، ئۇ قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە بۇ نەرسىنى كۆرگەن، ئەينى چاغدا نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، غەلىتىلىك ھېس قىلىپ، قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە نەچچە قېتىم بېرىپ ئاندىن ئۇنى بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرگەن. كېيىن ماتېرىيال ئىزدەش، مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئاندىن بۇنىڭ ئەينى يىلى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلاردا ئىشلىتىلگەن قول بىلەن ئايلاندۇرۇلىدىغان ھېسابلاش ماشىنىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن، «ھازىر پەن ـ تېخنىكا تەرەققىي قىلدى، دۆلىتىمىزدە دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش ماشىنىسى بار بولدى، ھازىر كىۋانت ھېسابلاش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى تېزلىتىۋاتىدۇ، چوت تۇرمۇشىمىزدىن تەدرىجىي چېكىنىپ چىقىپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ بىر گۇۋاھچىسىغا ئايلاندى».

لى جيەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ساقلىغان بۇيۇم ياغاچ غالتەك بولۇپ، بۇنى لى جيەننىڭ دادىسى بىلەن كەنت ئاھالىلىرى جياخېزى سۇ ئامبىرىنى ياسىغاندا ئىشلەتكەن. «ياغاچ غالتەك ئەينى چاغدا <يۈك ئاپتوموبىلى> ھېسابلىناتتى، ئۇنىڭ ھەممە يېرىنىڭ ياغاچ ئىكەنلىكىگە قارىماڭ، چىشلەشتۈرۈلگەن قۇرۇلمىسى ناھايىتى پۇختا بولۇپ، ھازىرمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ».نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، لى جيەن يىغىپ توپلىغان 20 تۈردىن ئارتۇق يىغىپ ساقلىغان بۇيۇم ئۈچ چوڭ ئامبارغا لىق دۆۋىلەنگەن، تەشۋىقات رەسىمى، گېزىت، فارفۇر بۇيۇم، كونا سۈرەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي سانى 30 مىڭدىن ئاشىدۇ، «كونا بۇيۇملار مۇزېي» قۇرۇش ئۇنىڭدا خېلى بۇرۇنلا تۇغۇلغان پىلان ئىدى. 2020 ـ يىلى 5 ـ ئايدا، لى جيەن شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە كۆلىمى 300 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان «سۇمۇرغ قىزىل مەدەنىيەت مۇزېي»ىنى قۇردى ھەمدە سىرتقا ھەقسىز ئېچىۋەتتى.

ھازىر ھەر كۈنى كىشىلەر مۇزېيغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ. «بۇ يىغىپ ساقلىغان بۇيۇملار تۇرمۇشىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى، دۆلىتىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولدى، بىز تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك» دېدى لى جيەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.