تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدى

ئالتاي ۋىلايىتى:

پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى دىققەتنى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئالدىراۋاتقان ئىشلار، قىينىلىۋاتقان ئىشلار، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلار، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، چىن كۆڭلىدىن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

خەلق رايىنى توپلاشتىن ئىبارەت «ھەل قىلغۇچ قەدەم»نى ياخشى ئالدى

«كەنت ئاھالىسى تاسقىن ئاقان ئائىلىسى ئالدىنقى يىلى سالغان ھاجەتخانىنىڭ تورۇسىدىن ئازراق سۇ ئۆتۈپ كېتىپتۇ، قايتىدىن مۇستەھكەملەش كېرەك؛ ئۇنىڭ كىچىك قىزى ناھىيە بازىرىغا بېرىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇماقچى ئىكەن، ئۇنىڭ مەكتەپكە كىرىش، مەكتەپتە يېتىش تەييارلىق ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلىشىگە ئالدىن ياردەم بېرىش كېرەك» «كەنجىبېك ھۈسەن ئاكا ـ ئۇكا ئىككىيلەن يېزىغا بېرىپ جەنۇبىي غول ئۆستەڭ تۈرىنى رېمونت قىلىشقا قاتنىشىشنى خالايدىكەن، تېزدىن يېزا ـ بازارلار بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇش كېرەك» ... چىڭگىل ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سار توقاي يېزىسى قىزىل ئۇيېڭكى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لى رۈينىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت كۈندىلىك خاتىرىسىنى ۋاراقلىسىڭىز، كەنتنى ئارىلاپ ئائىلىلەرگە كىرگەندە توپلىغان خەلق ئەھۋالى ئىنكاسلىرىنىڭ ئىمىر ـ جىمىر خاتىرىلىگەنلىكىنى كۆرىسىز.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىش» پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاڭلاش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئويلىرى، تەقەززاسى، ئارزۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنىڭ كىرىش ئېغىزى ۋە ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تەكشۈرۈپ تاپتى.

ۋىلايەتنىڭ تۆت يۈرۈش بەنزە رەھبەرلىرى باشلامچى بولۇپ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن «بىرلىكتە ئولتۇرۇپ، بىر ئەمەلىي ئىشنى ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ»، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 310 ئىش خاتىرىلەنگەن «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تۈر تىزىملىكىنى بېكىتتى. ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى تارماق، ئورۇنلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كەمتەرلىك بىلەن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلق رايىنى ئىگىلەپ، دىققەتنى ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، 7350 ئەمەلىي ئىش قىلىش تۈرىنى بېكىتىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى.

ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرى، دېھقان ـ چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سەپەرۋەر قىلىنىپ خەلق رايىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كىچىك شۆبە ئەترەتلىرى قۇرۇلدى، ئۇلار ئېتىز باشلىرىغا، كوچا ـ كويلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ياقتۇرىدىغان، ئاسان قوبۇل قىلىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» ئىشلار توغرىسىدىكى ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ، «پاسسىپ مۇلازىمەت قىلىش»نى «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش»قا ئۆزگەرتتى.

خەلقنىڭ غەم ـ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش «تەشەببۇسكارلىق جېڭى»نى ياخشى قىلدى

«ئىلگىرى ئالتاي شەھەر رايونىغا مال يەتكۈزمەكچى بولساق، ئۆزىمىز يالغۇز ياكى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئاپتوموبىل ئىجارە ئالاتتۇق، بەزىدە ھەتتا ئاپتوموبىل تېپىلمايمۇ قالاتتى. ھازىر <بىر يۈەنلىك> ئاممىۋى ئاپتوبۇس كۈندە قاتنايدۇ، بېرىپ كېلىشكە ئىككى يۈەنلا كېتىدۇ، ئەرزان، قولايلىق!» 9 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى ئەتىگەندە، ئالتاي شەھىرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 1 ـ چارۋىچىلىق مەيدانى كىشىقوبىي شۆبە مەيدانىنىڭ ئاھالىسى چېن سۇڭخۇا ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى يەرلىك تۇخۇملارنى ئوراپ قاچىلاپ، شەھەر ـ يېزا «بىر يۈەنلىك» ئاممىۋى ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ ئالتاي شەھەر رايونىغا مېڭىشقا تەييارلاندى.چەت، يىراق يېزا، بازار، كەنتلەردىكى ئاممىنىڭ «سىرتقا چىقىشى قىيىن بولۇش» ۋە «سىرتقا چىقىشى قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالتاي ۋىلايىتى شەھەر بىلەن يېزا ئارىسىدا «بىر يۈەنلىك» ئاممىۋى قاتناشنى يولغا قويدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە شەھەر ـ يېزا يولۇچى توشۇش «بىر يۈەنلىك» تىجارەت لىنىيەسىدىن 51ى ئېچىلىپ، 55 يېزا ـ بازاردىكى 369 كەنتنى قاپلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «سىرتقا چىقىشى قىيىن بولۇش» «سىرتقا چىقىشى قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتىكىلەردىن شەھەرگە كىرىپ كۆكتات ساتىدىغان، مال سېتىۋالىدىغانلار كۆپەيدى، ئىگىلىك تىكلەيدىغانلار، ئىشلەيدىغانلار كۆپەيدى، ئۆگىنىشكە، تەربىيەلەشكە قاتنىشىدىغانلار كۆپەيدى.

«ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش» «ئاجىزلارنىڭ يار ـ يۆلىكى بولۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالتاي ۋىلايىتى مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ، يېزا بەخت چوڭ (كىچىك) قورۇسى قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇش، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش تەمىناتى ھەم ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى سالاھىيىتىنى دەلىللەپ تارقىتىش ھەمدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، يېتىم بالىلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ياردەم پۇل مەبلىغىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئومۇميۈزلۈك، ئەتراپلىق، قەلبنى ئىللىتىدىغان مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، «ياشانغانلار» «بالىلار»نى كاپالەتلەندۈردى، قوغدىدى.

ئالتاي ۋىلايىتى خىزمەت لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك، تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، ئاممىغا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمنى ھېس قىلدۇردى.

تىرىشىپ ئەمەلىي ئىش قىلىشنىڭ «باشلامچى»لىرىدىن بولدى

«ئىلگىرى، كۆپچىلىك قىيىنچىلىقى بولسا كىمگە دېيىشنى بىلمەيتتى، ھەم دېسە پايدىسى بولىدىغان ـ بولمايدىغانلىقىنىمۇ، بېجىرىپ بېرىدىغان ئادەمنىڭ بار ـ يوقلۇقىنىمۇ بىلمەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، مەھەللە كادىرلىرى دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىۋېتىپ مېنىڭ دېگەنلىرىمنى ئاڭلايدۇ، يەنە ماڭا ياردەملىشىپ بېجىرىپ بېرىدۇ، بەك ياخشى بولدى» دېدى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى بۇرۇلتوقاي بازىرى جىخەي يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى لى جۈنخۇا.

«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى «كەنت ئاھالىلىرى ئىنكاس قىلىش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر، بېجىرىشكە مەسئۇل كىشى، بېجىرىش تەدبىرى، بېجىرىش نەتىجىسى قاتارلىقلارنى ئايرىم ـ ئايرىم كەنت كادىرلىرى يىغىنى ياكى كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى يىغىنى، كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش تاختىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئېلان قىلىپ، ئاممىغا بېجىرىش ئەھۋالىنى باھالاتتى.

«نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى زىچلاشتۇرۇش، خەلقنى كۆزلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرنى ئالغا سىلجىتىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىك» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لەن شېڭشىن.لەن شېڭشىن مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالتاي ۋىلايىتى «بىر تۈر، بىر لايىھە، بىر رەھبەر، بىر تارماق، ئاخىرىغىچە تۇتۇش»تىن ئىبارەت خىزمەت پىكىر يولى بويىچە، ۋىلايەتنىڭ تۆت يۈرۈش بەنزە رەھبەرلىرىنىڭ ھەربىرى بىر تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇل بولدى، چىڭ تۇتۇپ مەسئۇل بولدى، ھەيدەكچىلىك قىلدى، ۋىلايەتكە قاراشلىق 16 تارماق، ئورۇن بىرقانچە ئەمەلىي ئىش تۈرىنى نىشانلىق ئۈستىگە ئېلىپ، خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى جەدۋەللەشتۈرۈپ، تىزىملىكلەشتۈرۈپ باشقۇرۇپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىشنى يولغا قويۇپ، «مەزمۇن، مەسئۇلىيەت، ۋاقىت چېكى، نەتىجە ـ ئۈنۈم»دىن ئىبارەت تۆت جەھەتتە ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قەرەللىك ھالدا خىزمەتنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنىڭ سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، ھارارەتكە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.