تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خوتەن مائارىپى باغچىلاشقان تەرەققىيات يولىغا ماڭدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىر جايغا مەركەزلەشكەن، ئۆگىنىش رايونى، تەنھەرىكەت رايونى، تۇرمۇش رايونى بىر گەۋدىلەشكەنىدى. يېقىندا، مۇخبىر خوتەن شەھىرى چاۋياڭ مائارىپ باغچە رايونىغا كىرىپ، بىر «ئوقۇتۇش شەھەرچىسى»گە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدى.

«خوتەن شەھىرى چاۋياڭ مائارىپ باغچە رايونى بۇلتۇر 10 ـ ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 402 مو.» بۇ مائارىپ باغچە رايونى تىلغا ئېلىنغاندا، خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جەي چىيۇڭ پەخىرلەنگەن ھالدا سۆزلەپ بەردى.

خوتەن شەھىرى چاۋياڭ مائارىپ باغچە رايونى خوتەن شەھىرى ئارال ـ خوتەن تاشيولىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي 473 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 133 مىڭ كىۋادرات مېتىر، ھازىر 440 ئوقۇتقۇچى بار، باغچە رايونىدا 7800دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇيالايدۇ، خوتەن شەھەرلىك 13 ـ باشلانغۇچ مەكتەپ، 3 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە 2 ـ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىر باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرىدىن ئىبارەت ئۈچ ئوقۇش باسقۇچىدىكى 6449 ئوقۇغۇچى بار، نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئىزچىل ئوقۇش تۈزۈمىدىكى مائارىپ باغچە رايونىدۇر.

يېپيېڭى كۇتۇپخانا، تەجرىبىخانا، خەتتاتلىق ـ رەسساملىق سىنىپى، مۇزىكا سىنىپى، سىنىپلارنىڭ ھەممىسىگە تور بىر گەۋدىلەشكەن كومپيۇتېر سەپلەنگەن بولۇپ، تور ئوقۇتۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. «يېڭى مەكتەپ رايونىغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش مۇھىتىمىز زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، 2 ـ دەرسخانا پائالىيىتى تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق بولدى، ھەر مىللەت ساۋاقداشلار بىللە تاماق يەپ، بىللە يېتىپ ـ قوپۇپ، ئۆزئارا ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق، بۇلارنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيمەن» دېدى 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى 9 ـ يىللىق 3 ـ سىنىپ ئوقۇغۇچىسى نىجات نەبىجان.

«يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، خوتەن ۋىلايىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بىرقەدەر تېز ئاشتى، ئوقۇش ئورنى كەمچىل، مەكتەپلەر تارقاق بولغاچقا، بىز مائارىپ باغچە رايونى قۇرۇشنى ئويلاشتۇق. بىر يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىي ئۈنۈمدىن قارىغاندا، مائارىپ باغچە رايونى ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشى تارقاق بولۇش، كۆلىمى بىرقەدەر كىچىك بولۇش، مائارىپ بايلىقىنىڭ تەقسىملىنىشى تەكشى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.» جەي چىيۇڭ مۇنداق دېدى: خوتەن شەھىرى يىراقنى كۆزلەپ، تۆت مائارىپ باغچە رايونى قۇرۇشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن شەھىرى مائارىپ سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇش، مائارىپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئارقىلىق پۈتۈن شەھەردىكى ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، ياخشى بولغان مائارىپ مۇھىتى، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى پۈتۈن شەھەر مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

خوتەن شەھىرى مائارىپ باغچە رايونى قۇرغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلار كەسپىيلەشكەن بولۇش، ئۆگىنىش مۇستەقىل بولۇش، ئوقۇتۇش زامانىۋىلاشقان بولۇش تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئورتاق ياشاش، ئورتاق ئۆگىنىش، ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى، بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن شەھەرنىڭ، ھەتتا پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مائارىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

«خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ بايلىقى ئاساسلىقى شەھەر رايونىغا مەركەزلەشكەن، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئوقۇش ئورنى ۋە ئوقۇتقۇچى قىس بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلەندى، مائارىپ باغچە رايونىدىن ئىبارەت بۇ ئەندىزە ئارقىلىق، شەھەر رايونىغا مەركەزلەشكەن ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى مائارىپ باغچە رايونىغا بىرىكتۈرۈلۈپ، يېزا بالىلىرىمۇ شەھەر بالىلىرى بىلەن ئوخشاش ئوقۇتۇش بايلىقىدىن بەھرىمەن بولدى.» خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ما جاۋشيا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتنى كۆزلەپ، مائارىپ باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىي 2 مىليارد 850 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، توققۇز مائارىپ باغچە رايونى قۇرۇپ، 78 مىڭ ئوقۇش ئورنىنى ھەل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «مەكتەپكە كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق كىرىش» ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، مائارىپنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.