تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ھوسۇلىدا يەنە يېڭى يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىشقا ئاشۇرۇلغان 1 ـ كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 148 مىليارد 443 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.9 ئاشقان، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.3 ئاشقان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ھوسۇلىدا يەنە يېڭى يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا زور دەرىجىدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇنداق تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى ئالدىنقى يىلىنىڭكىدىن %5.6 ئاشقان، ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ %10.8 ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا يەنە يېڭى يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە: يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى %7.6 ئاشقان، كۈزلۈك ئاشلىق ھوسۇلى %12.7 ئاشقان. بۇغداي، كۆممىقوناق ھوسۇلى زور دەرىجىدە ئاشقان. پۈتۈن يىلدا بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى %6.2 ئېشىپ، ھوسۇلى %7.6 ئاشقان؛ كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى %4.0 ئېشىپ، ھوسۇلى %13.0 ئاشقان.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرۇشقىلا بولىدۇكى، كېمەيتىشكە بولمايدۇ» دېگەن خىزمەت تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەمۇرىي جەھەتتىن تۈرتكە بولۇش، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش، مۇلازىمەت ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش ۋە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق ھوسۇلى 100 مىليون جىڭدىن ئېشىپ، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى. كۈزلۈك ئاشلىق ھوسۇلى ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلدى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى كۆممىقوناق «توننىلىق ئاشلىق ئېتىزى»نىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن يۇقىرى بولدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق كۆلىمى، بىرلىك ھوسۇلى، ئومۇمىي ھوسۇلىدا «ئۈچنى ئاشۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دۆلەت چۈشۈرگەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش نىشان ـ ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملاشتى.

بۇ جەرياندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون مۇۋاپىق سورتنى تاللاپ، ياخشى سورت، ياخشى ئۇسۇللارنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى يۇغۇرۇش قاتارلىق ئەسقاتىدىغان ھوسۇلنى ئاشۇرىدىغان تېخنىكىلارنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركەزنىڭ تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق ياردەم تولۇقلىما مەبلىغىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ھەممىسىنى ئاشلىق زىرائەتلىرى ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئىشلىتىپ، بۇغداي ۋە ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسىدا «ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشكە تېگىشلىكلەرگە تولۇق بېرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى كۈچلۈك قوزغىدى، ھەرقايسى جايلار تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.

نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۈزلۈك ئاشلىق يىغىمى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، قىشلىق تېرىلغۇنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى %90تىن ئاشتى، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى كۈزدە يىغىۋېلىش ۋە كۈزلۈك، قىشلىق تېرىقچىلىق خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، 2022 ـ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي مۇقىملاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.