تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«<پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە> − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدا بايان»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«<پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە> − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدا بايان»

سىكاننېرلاپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى «<پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە> − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدا بايان» ناملىق تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى.ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا مېڭىۋاتقان دۇنيا «جۇڭگونىڭ سىرى»نى يېشىشكە ئىنتىلمەكتە − جۇڭگو ئىقتىسادى نېمە ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئارقا ـ ئارقىدىن يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرالىدى؟

«بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، لېكىن پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە، بۇ، بىزنىڭ ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىزنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا غەيرىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى».

باش شۇجى شى جىنپىڭ چىقارغان بۇ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم مۇنداق بىر مۇھىم جاۋابنى بەردى: پەيتنى پەملەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇش، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئارقا ـ ئارقىدىن ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى بىر ئالتۇن ئاچقۇچ.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۇنيا ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنى مۆلچەرلىدى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭ يۈزلىنىشنى كۆزىتىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى بېكىتىپ، چوڭ ئىشلارنى كۆزلەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۇزاق تارىخىي مۇساپىگە، دەۋر چوڭ دولقۇنىغا ۋە يەر شارىۋى نەزەر ـ دائىرىگە قويۇپ كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش، مۇھىم ھالقىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ 21 ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.

تۈنۈگۈن كېچە دەريا سۈيى ئۆرلىدى، چوڭ جەڭ كېمىسى پەيدەك يېنىك لەيلىدى. ھازىرغا نەزەر سالساق، جۇڭگو ئىقتىسادى ئەۋزەللىكى ئارقىلىق پۇرسەت كۈتتى، پۇرسەت ئارقىلىق ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈردى؛ ئۇزاق كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو ئىقتىسادىدا زور مىقداردا جۇغلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، ئۇنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت كۈرەش قىلىۋاتقان جۇڭگوغا مەنسۇپ، قەيسەر جۇڭگوغا مەنسۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگوغا مەنسۇپ. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، نۇرلۇق كەلگۈسى ئالدىمىزدا!

ماقالە جەمئىي بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن: «ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى: پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى كۆزلەش» «ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئۆزگىرىش: رايون چوڭ ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ماس تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى كۆزلەش» «چوڭ دۆلەت ئاساسى: مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ ئاساسنى مۇستەھكەملەش يېڭى ئەۋزەللىكىنى كۆزلەش» «تاغ ـ دەريالار پۇرسىتى: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ئارقىلىق تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشنى كۆزلەش» «ئەندىزىدىكى ئۆزگىرىش: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق يېڭى ئەۋزەللىكىنى كۆزلەش».

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش − 2021 ـ يىلىدا تۇرۇپ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مىليونلىغان خەلق ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۈردە ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، كۈچ توپلاپ، كۈچنى مۇجەسسەملىدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.