تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ پاختىسىنى سېتىۋېلىش ئالدىراشچىلىقى

شىنجاڭ ساۋەن شەھىرىدە، پاختا بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىللىرى بىر پاختا سېتىۋېلىش زاۋۇتىغا كىرىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرماقتا. (10-ئاينىڭ 20-كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت) شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

تىيانشان تورى خەۋىرى يېقىندا، شىنجاڭ پاختىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم رايون ساۋەن شەھىرىنىڭ ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا ئالدىراش، قايناق مەنزىرە نامايان بولدى، پاختا يىغىش ماشىنىلىرى كېۋەزلىكلەردە گۈرۈلدىسە، لىق پاختا قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى يېزا يولىدا ئۇياقتىن-بۇياققا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. پاختىكارلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يىغىۋالغان پاختىلارنى پاختا سېتىۋېلىش زاۋۇتلىرىغا سېتىپ بەردى، شۇ جاينىڭ يېڭى پاختا سېتىۋېلىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى. 2021-يىلى، ساۋەن شەھىرىدە 1 مىليون 766 مىڭ 200 مو يەرگە كېۋەز تېرىلغان بولۇپ، پاختىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا يۇقىرى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.