تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

【جاسارەت بىلەن ئىلگىرلىگەن بەش يىلدا】 ئاسمان كۆك، يەر يېشىل، سۇ تېخىمۇ سۈزۈك

خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بايىنبۇلاق بازىرى بۆلىكىدىكى قايدۇ دەرياسى سۇلۇق يېرىگە بوشلۇقتىن نەزەر. (7-ئاينىڭ 1-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
چۆ . خۇرە فوتوسى
     تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ) شىنجاڭدا چۆللۈك، قۇملۇق كەڭ تارقالغان، «بىپايان قۇملۇقتا كۆتۈرۈلگەن تەنھا ئىس-تۈتەك، ئەزىم دەريادا پېتىۋاتقان يۇپيۇمىلاق قۇياش»قا ئادەتلىنىپ كەتكەن كىشىلەر كۆك ئاسمان، يېشىل يەر، سۈزۈك سۇغا تېخىمۇ ئىنتىزار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، بىزنىڭ يۇرت-ماكانىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، ئاسمان كۆك، يەر يېشىل، سۇ تېخىمۇ سۈزۈك بولدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، بىز شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار-مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل چېكى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىجازىتى تىزىملىكىدىن ئىبارەت «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك» بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتۇق، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداشنى ماس ئالغا سىلجىتتۇق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى.

  يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيە قىزىل چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداپ ۋە سىستېمىلىق تۈزەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق.

  گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنەلەيدىغان، تېخىمۇ پاكىز سۇ ئىچەلەيدىغان، تېخىمۇ خاتىرجەم يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلالايدىغان، ياشاشقا تېخىمۇ باب كېلىدىغان مۇھىتتا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولدى، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەڭ زور بەخت-سائادەتكە ئايلاندى.

  گۈزەل ماكان ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان جاي. ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولغان شىنجاڭ يەنە ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭمۇ گۈزەل ماكانى، بىزنىڭ ئورتاق ماكانىمىزنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، ھاياتىي كۈچى چەكسىز بولدى.

  ئادەملەر يېشىل تاغلارغا يۈز كېلەلىسە، يېشىل تاغلارمۇ ئادەملەرنى چوقۇم نائۈمۈتتە قويمايدۇ. ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولغان گۈزەل ماكان بىزنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك ماكانى.

10-ئاينىڭ 19-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى كورلا شەھىرىنىڭ كاككۇك دەرياسى بويىدا ئاق قۇلارنى تاماشا قىلماقتا.

ۋېي يىنخې فوتوسى

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، توپ-توپ سۇر تۇرنا موڭغۇلكۆرە ناھىيەسى ئازادلىق كۆۋرۈكى سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ يېنىدىكى بۇغدايلىقتا ئوزۇق ئىزدىمەكتە.

لى ۋېنۋۇ فوتوسى

ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرى گېبى يېڭى كەنتىنىڭ چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ئورمان رايونىدىن كۆرۈنۈش (10-ئاينىڭ 22-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

ئېزىز سامساق فوتوسى

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، بىر توپ تىبەت ياۋا ئېشىكى ئوتلاقتا چېپىپ يۈرمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

بىر توپ بۇغا قومۇلنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئوتلاقتا ئوتلىماقتا. (8-ئاينىڭ 26-كۈنى تارتىلغان)

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان لوپنۇر ناھىيەسىدىكى قاپاق ئارىلى. (10-ئاينىڭ 21-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان) 2000- يىلى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش باشلانغاندىن بۇيان، تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

لى فېي فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.