شىنخۇا تورى خەۋىرى ئالتۇن كۈز 10-ئايدا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تارىم دەرياسى بويىدا، توغراقلىق ئالتۇن رەڭلىك «تون كىيىپ»، ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى. تارىم دەرياسى بويىدىكى تۇتاش كەتكەن ئېگىز-پەس قۇم بارخانلىرىدا ئالتۇن رەڭلىك كارىدور شەكىللەندى، توغراق، قۇملۇق، كۆل، دەريالار بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، خۇددى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل تەبىئىي سەنئەت سارىيىغا ئوخشاپ، رەڭگارەڭ ھەم كۆركەملىكى، خۇددى شېئىر تۈس ئالغاندەك گۈزەللىكى بىلەن كىشىنى مەستخۇش قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. (گاۋ جۈنفېڭ)
لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچى ئالتۇن رەڭلىك توغراقلار ئارىسىدا ساياھەت قىلىپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
شىنخۇا تورى تارقاتتى
لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇر دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، قۇملۇقتىكى ئالتۇن رەڭلىك توغراقلارنىڭ شەكلى ھەر خىل.
شىنخۇا تورى تارقاتتى
لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇر دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، ئالتۇن رەڭلىك توغراقلارنىڭ شولىسى كۆل يۈزىگە چۈشۈپ، خۇددى ماي بوياق رەسىمدەك گۈزەل كۆرۈنەتتى.
شىنخۇا تورى تارقاتتى