تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىدىكى «تىرىك خەرىتە»

بايەكە كەلدىبېك:

​چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىدىكى «تىرىك خەرىتە»

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تىزناپ يېزىسى تىزناپ كەنتى قونجىراپ ئەتراپىدىكى قاقاس تاغ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، پاكىستانغا تۇتىشىدىغان مۇھىم قاتناش يولى، شۇنداقلا چېگرا قوغدىغۇچى بايەكە كەلدىبېك بىر ئائىلە ئۈچ ئەۋلاد كىشى كۈچ ئۇلاپ قوغدىغان جاي.

«كوممۇنىستىك پارتىيە بىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى، بىز مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىشىمىز كېرەك.» 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ياشىنىپ قالغان بايەكە مۇنداق دېدى: «چېگرانى چارلاش، قوغداش دۆلەتنىڭ ئىشى، شۇنداقلا چارۋىچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى. دۆلەتنىڭ چېگرا تېشى بولمىسا، نەدىمۇ بىزنىڭ كالا - قويلىرىمىز بولسۇن؟»

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا، بايەكەنىڭ دادىسى كەلدىبېك دىلدار قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ چارلاشقا چىققاندىكى خالىس يول باشلىغۇچىسى ئىدى. 1972 - يىلى ئەتىيازدا، دادىسى 21 ياشلىق بايەكەنى يېنىغا چاقىرىپ: «بالام، مەن ياشىنىپ قالدىم، بۇنىڭدىن كېيىن سەن داداڭنىڭ ئورنىدا ئازادلىق ئارمىيەگە يول باشلىغىن» دېگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، بايەكە چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ چارلاشقا چىققاندىكى خالىس يول باشلىغۇچىسى بولدى، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى پامىر ئېگىزلىكىدىكى چېگرا لىنىيەسىدە ئۆتتى.

يىل بويى تاغ - دەريالارنى كېزىپ يۈرگەچكە، بايەكە تاشقورغان چېگرا لىنىيەسىدىكى ئەگرى - توقاي يوللارنى بەش قولدەك بىلەتتى، شۇ جايدىكى ئارمىيە خەلق ئۇنى چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىدىكى «تىرىك خەرىتە» دەپ ئاتايتتى.

1997 - يىلى 9 - ئايدا، قايراپ دەرياسىنىڭ سۈيى شىددەت بىلەن ئۇلغايغاندا، بايەكە بەش چېگرا مۇداپىئە جەڭچىسىنى باشلاپ قوتازغا مىنىپ دەريادىن ئۆتكەنىدى، ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان بايەكەنى بىر چوڭ دولقۇن ئېقىتىپ كېتىپ بىر تاش ئۈستىگە يىقىتتى، پۇتى سۇنۇپ، ئاغرىق دەستىدىن ھوشىدىن كەتكىلى تاس قالدى. شۇ چاغدا، يەنە بىر چېگرا مۇداپىئە جەڭچىسىمۇ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىگە چۈشۈپ كەتتى، بۇ قىل ئۈستىدە تۇرغان پەيتتە، بايەكە ئاغرىق ئازابىغا قارىماي سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، ئاخىر چېگرا مۇداپىئە جەڭچىسىنى ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزۇۋالدى. ئەمما بايەكە ھوشىدىن كەتتى، بىرنەچچە سائەت جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ھاياتى ساقلاپ قېلىندى.

بايەكەنىڭ چېگرانى قوغداش ھاياتىدا ئۇچرىغان جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك ئەھۋاللارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن چېكىنىش ۋە ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىدى. دادىسىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن چېگرانى قوغداشتىكى قەتئىي ئېتىقادى ئۇنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەنىدى.

بىر قېتىم، بايەكە بىرنەچچە يېڭى ئەسكەرنى باشلاپ چارلاشقا چىققاندا، تۇيۇقسىز قېلىن قار يېغىپ كەتكەنلىكتىن، چارلاش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىپ، ئېلىۋالغان يېمەكلىكىمۇ ھېچقانچە قالمىدى. ئۇ جەڭچىلەرنىڭ يېمەكلىكىنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى ناھايىتى ئاز يېدى، پەقەت ئون پارچە پىرېسلانغان يېمەكلىك ۋە بەش نان بىلەن ئۈچ كېچە - كۈندۈز بەرداشلىق بېرىپ، ئاخىر چارلاش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى.

1999 - يىلى 6 - ئايدا، بايەكە شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى. 2013 - يىلى، يۈرەككە كۆۋرۈك سېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان بايەكە چېگرانى قوغداش بۇرچىنى قىسىمدىن قايتقان ئوغلى لاچىن بايەكەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئەۋلادلىرىغا ئۆزىنىڭ خالىس يول باشلاش ئىشىنى داۋاملاشتۇرغۇزۇش ئىرادىسىگە كەلدى.

بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئوغلى لاچىن بايەكە سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش يولىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، بايەكە قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جېڭجوۋدا پەۋقۇلئاددە قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئوغلى لاچىن بايەكەنىڭ نامىدا جېڭجوۋغا 200 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.

پامىر ئېگىزلىكى بايەكە ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن چېگرانى قوغداشتىكى تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىغا گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان چەكسىز ساداقىتىگە گۇۋاھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.