تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

​سەككىز جايدىكى سۇلۇق يەر نامى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ساۋ خۇا، شېن زۇشياۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى يېقىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 1-تۈركۈمدىكى مۇھىم سۇلۇق يەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قاناس، قابا ناھىيەسىدىكى كۆكتوقاي، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئېبنۇر كۆلى، بورتالا شەھىرىدىكى سايرام كۆلى، ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى بېينى، باغراش ناھىيەسىدىكى باغراش كۆلى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى ئاغىيازدىن ئىبارەت سەككىز جايدىكى سۇلۇق يەر نامى تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭدا سۇلۇق يەرلەرنىڭ تارقىلىشى كەڭ، تۈرى مول، كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، ئاساسلىقى ئالتاي تېغى، تىيانشان تېغى، كوئېنلۇن تېغى ھەم ئالتۇنتاغ ۋە تارىم ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقىغا تارقالغان، ئومۇمىي كۆلىمى 3 مىليون 948 مىڭ 200 گېكتار بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يەر كۆلىمىنىڭ %2.4ىنى ئىگىلىگەن، مەملىكەت بويىچە 5-ئورۇندا تۇرىدىكەن. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدا سۇلۇق يەر تىپىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن ئىككىسى، سۇلۇق يەر تىپىدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن تۆتى، دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىن 51ى قۇرۇلۇپ، سۇلۇق يەر تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ۋە دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنى ئاساس قىلغان سۇلۇق يەرنى قوغداش سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايون سۇلۇق يەرنى دەرىجىگە ئايرىپ قوغداش تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەر، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەر ۋە ئادەتتىكى سۇلۇق يەردىن ئىبارەت دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش، باشقۇرۇش ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك سۇلۇق يەرلەرنىڭ ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايرىيدۇ ھەم سۇلۇق يەر بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، سۇلۇق يەر بايلىقىدىن مەڭگۈلۈك پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.