تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزالىرى، دېھقان - چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرى، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سىنلىق ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى​

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايون «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزالىرى، دېھقان - چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرى، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سىنلىق ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى باسقۇچتىكى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، تەجرىبە، ئۇسۇللارنى ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزالىرى، دېھقان - چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرى، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ شەكلى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تولۇق قاپلىشى، كەم قالماسلىقى، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخىنى سۆزلەش، پارتىيە تارىخىنى تەتبىقلاش قويۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى. قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپە - تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، دەرىجە، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، دەل جايىدا يېتەكچىلىك قىلىپ، تولۇق قاپلاشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن جەرياندا ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەپ، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ پۇختا، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تىزىملىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، «خىزمەت تىزىملىكى»نى «مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش تىزىملىكى»گە ئايلاندۇرۇپ، سان - سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، قەرەلىدە تاماملاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، توغراق روھى، بىڭتۇەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە چېگرا رايوننى قىزغىن سۆيىدىغان، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىدىغان، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ئىدىيە ئاڭلىقلىقى بىلەن، تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت ۋە پۇختا، كۈچلۈك ھەرىكەت ئارقىلىق، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئاجايىپ ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.