تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​سۈپەت-ئۈنۈم ئاشتى تەرەققىياتنىڭ ئېلاستىكلىقى نامايان بولدى

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى −

​سۈپەت - ئۈنۈم ئاشتى   تەرەققىياتنىڭ ئېلاستىكلىقى نامايان بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى بازار پۇرسىتىنى تىرىشىپ چىڭ تۇتۇپ، بازار ئۈلۈشىنى پائال كېڭەيتىپ، ماركىتېڭ تەدبىرىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇردى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمى، مىقدارى سىجىل زورىيىپ، سۈپەت - ئۈنۈم سىجىل ئېشىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە ئېلاستىكلىقى سىجىل نامايان بولۇپ، «مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، تېزلىتىش داۋامىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.

3 - پەسىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مالىيە تېز مەلۇم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون 976 مىليارد 104 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.5 ئاشتى؛ ساپ مۈلكى 934 مىليارد 368 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.9 ئاشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى مالىيەنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى چېن خەيشەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىدا تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولدى.

سانائەتتە «يۇقىرى سەۋىيەلىك گۈللىنىش» ساقلاپ قېلىنىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى سىجىل ئاشتى. بۇ يىلدىن بۇيان، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار، بولۇپمۇ كۆمۈر، تەبىئىي گاز ۋەكىللىكىدىكى يۇقىرى ئېقىندىكى ئېنېرگىيە باھاسى يۇقىرى پەللىدە ئايلىنىپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرى باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، بازار ئېھتىياجى زور دەرىجىدە ئاشتى. 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون سانائەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان مەھسۇلات سېتىش قىممىتى 74 مىليارد 18 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %63.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن 4.8 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، 10 مىليارد 792 مىليون يۈەن پايدا يارىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زىياننى ئۆزگەرتىپ ئاشۇرۇلغان پايدا 11 مىليارد 718 مىليون يۈەن بولدى.

پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم، ساغلام بولۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. پۇل مۇئامىلە كەسپى دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە كەسىپلەر تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش سالمىقىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى. 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، جەمئىي 27 مىليارد 508 مىليون يۈەن كىرىم يارىتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشتى.

سودا كەسپىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، كىرىم ئۈنۈمى ماس قەدەمدە ئاشتى. 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، ئىستېمال بازىرىنىڭ جانلىنىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، سودا كەسپى، بولۇپمۇ خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى سودا كارخانىلىرى ئۈنۈمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بىرقەدەر زور بولدى، جەمئىي 188 مىليارد 22 مىليون يۈەن كىرىم يارىتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.6 ئاشتى؛ پايدا 456 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %98.3 ئاشتى.

بىناكارلىق كەسپىدە قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى چىڭ تۇتۇلۇپ، كۆلەملىك ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملاشتۇرۇلدى. 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە يارىتىلغان كىرىم 29 مىليارد 489 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %66.7 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 12.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ پايدا 1 مىليارد 134 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 793 مىليون يۈەن ئاشتى، تاشيول قۇرۇلۇشى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى بىناكارلىق قۇراشتۇرۇش بۆلىكىدە بىرقەدەر تېز ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بازارلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ سۈپىتىنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە يارىتىلغان كىرىم 14 مىليارد 614 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80.15 ئاشتى، جەمئىي پايدا 136 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زىياننى ئۆزگەرتىپ ئاشۇرۇلغان پايدا 194 مىليون يۈەن بولدى، تۈرلۈك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرى يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلىشىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش نەتىجە قەغىزىنى تەھلىل قىلغاندا، ئاپتونوم رايوندىكى شۇ دەرىجىلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كارخانىلىرىنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۇدا توققۇز ئاي ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلىغان؛ پايدىسى 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن تۆت ھەسسىگە يېقىن ئاشقان، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.2 ھەسسە ئېشىپ، ئۈنۈم سەۋىيەسى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتكەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە، چېن خەيشەن ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن دەپ قارىدى.

ئالدى بىلەن، مىقدار ۋە باھا تەڭ ئۆرلەپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش تەڭ ئېشىپ، ياسىمىچىلىق «باشلامچى» بولۇپ ئاشقان. 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، مىس، ئاليۇمىن، نىكېل، PVC، مېتانول قاتارلىق ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى سىجىل ئېشىپ، باھاسى يۇقىرى پەللىدە ئايلىنىپ، تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان، ئۈنۈم نۇقتىسى خىمىيەلىك خام ئەشيا ياساش، رەڭلىك مېتال پىششىقلاش كەسپىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشىدا ئىپادىلەندى؛ خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەش تېرمىنالى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ مىقدارنى قويۇپ بېرىش ۋە كۆمۈر باھاسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراپ، كۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش كەسپىگە مىقدار ۋە باھا ئىككى تەرەپ تىرەك بولۇپ، تىجارەت نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن.

ئۇنىڭدىن كېيىن، باج - ھەق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆرلەپ، جەمئىيەت تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن. 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، شۇ دەرىجىلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كارخانىلىرى جەمئىي 38 مىليارد 230 مىليون يۈەن ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ياراتقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %150.6 ئاشقان؛ ئىشچى - خىزمەتچىلەر سانى 89 مىڭ ئادەم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئاشقان؛ يۇقىرىغا تاپشۇرغان باج - ھەق جەمئىي 6 مىليارد 10 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %117.3 ئاشقان.

ئاخىرىدا، كەسىپلەرنى تەڭشەش سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، شۇ دەرىجىلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كارخانىلىرى جەمئىي تاماملىغان مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 13 مىليارد 420 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.7 ئاشقان. كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش، قاتناش - تىرانسپورت، توقۇمىچىلىق، ساياھەتچىلىك ۋە ساغلاملىق - كۈتۈنۈش ساھەسىدىكى سېلىنما سوممىسى بىرقەدەر زور بولۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى تۆھپىسى ئۈزلۈكسىز زورايغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.