تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرايلى

​ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (6)

□گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

خەلق تۇرمۇشى خەلق بەختىنىڭ ئۇلى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ ئاساسى. خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى. ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ باردى، بارلىق كۈرەشنىڭ تۈپ مەقسىتى خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇشى، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. شىنجاڭدەك بۇنداق بىر چەت، يىراق، كۆپ مىللەتلىك رايونغا نىسبەتەن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك، پارتىيەمىزنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن-ئاخىر شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، دىققەت قىلىپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنى مۇقىم-ئەمىن قىلىش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال-خۇرام ئىشلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان بىر قىسىم تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قىسىم ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما دائىم غەم قىلىدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر دەرىجىلىك مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە پايدا يەتكۈزىدىغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى سىجىل ياخشى ئىشلىدى، خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسى سالمىقىنىڭ زورلۇقى، خەلق تۇرمۇشى تەدبىرلىرىنىڭ كۆپلەپ يولغا قويۇلۇشى مىسلىسىز بولدى، ھەر مىللەت ئامما دائىم غەم قىلىۋاتقان، ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىدا نەتىجە-ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، داۋالاش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىجىل كۈچەيتىلدى، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، بالىلار بېقىلىدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇش، ئاجىزلارنىڭ يار-يۆلىكى بولۇش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئامما مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھاتنىڭ مېۋىسىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان بىر گۈزەل يۆگىمە رەسىم نامايان بولدى.

خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى يوق، پەقەت ئۈزۈلمەي بارلىققا كېلىدىغان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىلا بار. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويدى. لېكىن شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات باشلىنىش نۇقتىسى تۆۋەن، ئاساسى ئاجىز، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە يەنىلا نۇرغۇن كەمتۈكلۈكلەر مەۋجۇت، گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى جەھەتتە، پۇقرالارنىڭ يەنە نۇرغۇن غەم قىلىۋاتقان ئىشلىرى، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلىرى، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلىرى بار. بىز باشتىن-ئاخىر خەلقنى قەلبىمىزدە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، ئامما ئويلاۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئالدىراۋاتقان مەسىلىلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ ئاممىنى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈش، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بىر مەزگىلدىكى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش، مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى، ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئەمىن ئۆي كاپالىتى، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش»، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش، ئاممىۋى بىخەتەرلىك كاپالىتى، مۇقىملىق ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل، چوڭقۇر، ياخشى يولغا قويۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەم خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسى، يېڭى ئىلتىماس-تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇردى، شۇنداقلا كەلگۈسىدە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى، يېڭى ئارزۇسىنى تەسۋىرلەپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلققە يېقىندىن تايىنىش، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىش، خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشتىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر شەرھلىدى.

خەلق تۇرمۇشى خەلق رايىغا تۇتىشىدۇ، خەلق رايى خەلق كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ. يېڭى مۇساپىدە، «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز» ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەقىقىي ھېسسىياتىمىز بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، چوڭقۇر ئىشلەپ، ئىنچىكە ئىشلەپ، تولۇق ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىن ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.