تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كىچىك تىجارەتتىن چوڭ تىجارەتكىچە

− شىنجاڭ نېنىدىكى ئۆزگىرىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەرلەر (5)

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

«چوڭ ناندىن ئىككىنى ئالاي» «لازا نېنى، گۈلقەنت نېنى، قۇرۇق ئۈزۈم نېنى، ياڭاق نېنىنىڭ ھەرقايسىسىدىن بىردىن بېرىڭ...» 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، سانجى شەھىرىنىڭ جيەنگو غەربىي يولى چېڭجيەن يېڭى كەنتى پىيادىلەر كوچىسىغا جايلاشقان بازار ئوزۇقلۇق ناۋايخانىسىدا، خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، دۇكان ئىگىسى نۇرمەمەت بەكرى ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

41 ياشلىق نۇرمەمەت يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىگەرچى بازىرى كونا شەنبە بازار كەنتىدىن بولۇپ، ناۋايلىق قىلىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولغانىدى. باشقىلارغا ئىشلەمچىلىك قىلىشتىن ئۆزى كىچىك ناۋايخانا ئېچىشقىچە، يەنە كىچىك ناۋايخانىدىن ئازادە دۇكانلارغىچە، نۇرمەمەتنىڭ نان تىجارىتى بارغانسېرى زورايدى. 2018 - يىلى، نۇرمەمەت تارماق دۇكان ئېچىشنى قارار قىلدى ھەم سانجى شەھەرلىك بازار يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ قۇردى، يەنە قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن سەككىز خىزمەتچى تەكلىپ قىلدى.

«مېنىڭ كىچىك تىجارىتىم تەدرىجىي زورايدى، نانلىرىمىزمۇ شاڭخەي، بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى.» نۇرمەمەت كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن بازار نېنىنى ماركا قىلىپ، تور دۇكىنى ئېچىپ، نانلىرىمىزنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتماقچى بولۇۋاتىمەن».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرمەمەت تۇرۇشلۇق سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، بۇ جاي دۆلەت ئىچىدە داڭلىق نانچىلىق كارخانىسىدىن 30دىن كۆپرەكنى يېتىشتۈرۈپ، «ماخې مەززىلىك نېنى» قاتارلىق داڭلىق نان ماركىسىدىن 26نى ياراتتى، نانچىلىق كەسپى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىغان، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان خاس كەسىپكە ئايلانماقتا.

نان شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇن يېمەكلىكلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋزەل بايلىقى. لېكىن ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە، ئەنئەنىۋى، ئارقىدا قالغان ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى، تېخنىكا ھۈنەر - سەنئىتى ھەمدە تىجارەت ئىدىيەسى سەۋەبلىك شىنجاڭ نېنى تىجارىتى كۆلەملىك تىجارەت بولۇپ شەكىللەنمىگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ناننى كەسىپلەشتۈرۈپ، كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، شىنجاڭ نېنىنى تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ نېنى يەككە تىجارەت، ھۈنەرخانا شەكلىدىكى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، كۆلەملەشكەن تىجارەت، ماركىلاشقان تەرەققىياتقا ئۆزگەردى.

«90 - يىللاردا تۇغۇلغان» قومۇللۇق قىز ليۇ پېيپېي شىنجاڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرۈپ، يۇرتىغا قايتىپ نان زاۋۇتى قۇرۇشنى تاللىدى.

ئەنئەنىۋى نان زاۋۇتىغا ئوخشىمايدىغىنى، ليۇ پېيپېي دەسلەپتىلا ناننى ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىك قىلىپ بېكىتتى ھەم شىنجاڭ خاشياۋناڭ يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇردى، ھۈنەر - سەنئەت جەھەتتە ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، شىركەت ئىشلەپچىقارغان مەززىلىك، چۈرۈك نان قاتارلىق مەھسۇلاتلار بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالدى. ليۇ پېيپېي مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە شىركەتنىڭ كۈندىلىك سېتىش سوممىسى 20 مىڭ يۈەنگە يەتتى، نۇرغۇن زاكازلار بېيجىڭ، چېڭدۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن. شىركەت توردىكى يوللاردىن پايدىلىنىپ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ماركىنى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭدىكى 300 خىلدىن ئارتۇق نان مەھسۇلاتى ئىچىدە، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان نانلار چوڭ - كىچىكلىكى، تەمى، شەكلى جەھەتتە ھەرقايسىسى خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. نان مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، خاسلىقتىن پايدىلىنىپ بازار ئېچىش شىنجاڭنىڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇقەررەر يولغا ئايلاندى.

شىنجاڭ ناۋايخانىسى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى نان مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، نان يېقىشنى ھېس قىلىش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن بىر كۆزنەكلىك سۇپا، بۇ يەردە ئۈرۈمچى، قومۇل، ئىلى قاتارلىق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن يۈز نەچچە خىل نان كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. شىنجاڭ ناۋايخانىسىنىڭ كۆرگەزمە تېمىغا نان ھەققىدىكى ئىبارىلەر، ناننىڭ تەركىبى، ھۈنەر - سەنئىتى، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئېنىق يېزىلغان. ساياھەتچىلەر يەنە شىنجاڭ نېنىنىڭ تەييارلىنىش جەريانىنى كۆرەلەيدۇ، ھەر خىل تەملىك نانلارنى تېتىيالايدۇ، كېتىدىغان چاغدا يەنە ئازراق ئېلىۋالالايدۇ ...

شىنجاڭ ناۋايخانىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ فېي مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونىمىزدا پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ يەر توردا ئالقىشلانغان جەزمەن بارىدىغان جايغا ئايلاندى. نۆۋەتتە بۇ دۇكاننىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تىجارەت سوممىسى 30 مىڭ يۈەنگە يەتتى، سېتىلىدىغان نان مەھسۇلاتى 20 خىلدىن ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىشى ئۈچۈن توردا سودا شەھەرچىسى ئاچتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نانچىلىق، يېمەك - ئىچمەك باشلامچى كارخانىلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، نانچىلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، شىنجاڭ نانچىلىق كارخانىلىرىنى «سىرتقا چىقىرىش»قا تۈرتكە بولۇپ، «ئابلاجان نانلىرى» «نانبەگ» «شىنجاڭ توقىچى» قاتارلىق داڭلىق نان ماركىلىرىنى ياراتتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر كۈنى تەخمىنەن 1658 توننا نان ئىشلەپچىقىرىلىپ (ھەربىر ناننى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 گىرام ئۆلچەم بويىچە سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 16 مىليون 580 مىڭ دانە)، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە سېتىلدى، قىسمەن رايونلارنىڭ نان مەھسۇلاتلىرى قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلدى، كىچىككىنە نان كوچا بويىدىكى كىچىك تىجارەتتىن، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىغان چوڭ تىجارەتكە ئايلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.