تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ياشانغانلار، بالىلار» ئۈچۈن كاپالەت تورىنى زىچ توقۇدى

قەشقەر ۋىلايىتى:

«ياشانغانلار، بالىلار» ئۈچۈن كاپالەت تورىنى زىچ توقۇدى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«بەخت چوڭ قورۇسىغا كۆچۈپ كىرىپ، ئۆيىمىزگە كىرگەندەكلا بولدۇق. بۇ يەردە كۈلكە - چاقچاق قىلىشىمىز، ھالىمىزدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بار.» بۇ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بەخت چوڭ قورۇسىغا كۆچۈپ كىرگەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەسىراتى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى «ياشانغانلار، بالىلار»دىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىلىق توپقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ياشانغانلار، بالىلار» ئۈچۈن ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە مۇلازىمەت بىخەتەرلىكى تورىنى پۇختا، زىچ توقۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولدى، بەخت چوڭ قورۇسى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى مەنىلىك قىلدى

«ياخشى يەپ، ئوبدان ئۇخلايدىغان بولدۇق، ئوقۇيدىغان كىتاب، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى بار، نېمىدېگەن بەخت - ھە!» دېدى يەكەن ناھىيەسى ئاۋات بازارلىق بەخت چوڭ قورۇسىغا كۆچۈپ كىرگەن ئەمەر ئوسمان خۇشال ھالدا.

بۈگۈنكى كۈندە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا - كەنتلىرىدىكى بەخت چوڭ قورۇسىغا كىرگەندە، ياشانغانلارنىڭ ھەمراھ بولۇشۇپ كۆڭۈل ئېچىش ئۆيلىرىدە ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقىنى، كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىنى، ياكى شاھمات ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ.

يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ قۇمۇشئېرىق يېزىسىدىكى يېزا بەخت چوڭ قورۇسىدا تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان ھاكىم توختى بوۋاي خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە تاماق، ياتاقنىڭ ھەممىسى ھەقسىز، كېسەل كۆرىدىغان ۋە كۈندىلىك پەرۋىش قىلىدىغان ئادەم بار، كىرلىكلەر قەرەللىك ئالماشتۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، ياتاقلارمۇ قەرەللىك تازىلىنىدۇ، تۇرمۇشتىن زادىلا غەم قىلمايمىز».

قەشقەر ۋىلايىتى مەركەزلىك كۈتۈنۈش بىلەن تارقاق كۈتۈنۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەركەزلىك كۈتۈنۈشنى خالايدىغان يېتىم بالىلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنى يېقىن ئەتراپتىكى مەركەزلىك كۈتۈش ئاپپاراتىغا ئورۇنلاشتۇردى، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تارقاق ئولتۇراقلىشىشنى تاللىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار خادىملارغا قارىتا خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋەسىيلىك قىلىش، باشقۇرۇش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، پەرۋىش قىلىش كېلىشىمىنى بىرتۇتاش تۈزۈپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ «ئادەتتىكى كۈنلەردە ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بولۇش، كېسەل بولغاندا قارايدىغان ئادەم بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

«بىز ھەر ئايدا تارقاق بېقىلىدىغان ئوبيېكتلارنى ھەر قېتىم بىر سائەتتىن كەم بولمىغان ئىككى قېتىمدىن تۆت قېتىمغىچە ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش بىلەن تەمىنلەيمىز.» يېڭىشەھەر ناھىيەسى قۇمۇشئېرىق يېزىسىدىكى بەخت چوڭ قورۇسىنىڭ خىزمەتچىسى ئارزۇگۈل داۋۇت مۇنداق دېدى: «مەن ئۈچ ئائىلىلىك ياشانغان كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل، ھەر كۈنى ياشانغانلارنىڭ ئۆيىنى تازىلاپ، تامىقىنى ئېتىپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن».

«بەخت چوڭ قورۇسى» ياشانغانلارغا شاد - خۇراملىققا چۆمگەن بەخت قولتۇقى قۇرۇپ بېرىپ، ئىناق جەمئىيەتنىڭ نەپىس يۆگىمە رەسىمىگە يارقىن مەنزىرە قوشتى.

قەشقەر ۋىلايىتى «ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىش، ئاممىنى رازى قىلىشنى ئاخىرقى نۇقتا قىلىش»نى يۆنىلىش قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى.

ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولدى، ھەربىر بالا قالتىس پۇرسەتتىن بەھرىمەن بولدى

«ئۆيىمىزگە يېقىن مەكتەپكە كىردۇق، ئىشىكىمىز ئالدىدىلا ياخشى مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولدۇق.» مەكتەپ تىلغا ئېلىنسىلا، قەشقەر شەھىرى قۇمدەرۋازا كوچىسى جەنۇبىي ئازادلىق يولى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئوقۇغۇچى بەختىگۈل تۇرسۇننىڭ چېھرىدە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى نامايان بولىدۇ.

بالىلارنىڭ سەبىي خۇش چىرايى، ئاممىنىڭ تولۇپ تاشقان بەخت تۇيغۇسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مائارىپنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە - ئۈنۈمىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىپادىسى.

قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىغا يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي، يەنە مۇزىكا، ئۇسسۇل، تەنتەربىيە قاتارلىق قىزىقىش سىنىپلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى تەرەققىي قىلدۇردى.

«بۇ يىل 3 - ئايدىن بۇيان، بىز تۈرلۈك قىيىنچىلىق ئىلتىماس - تەلىپىدىن 2788نى قوبۇل قىلىپ بېجىرىپ، 2637نى ھەل قىلدۇق» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جېڭ چاڭچىڭ.

قەشقەر ۋىلايىتى يەنە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بىر تۈركۈم يەسلىلەرنى يېڭىدىن قۇرۇپ ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇپ، شەھەرلەردىكى ئەلا سۈپەتلىك مەكتەپلەرنى يېزا مەكتەپلىرى، ئاجىز مەكتەپلەر بىلەن «ئوقۇتۇش بىرلەشمە گەۋدىسى» قۇرغۇزۇپ، «گۇرۇھلاشقان» مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بولۇشى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مەكتەپ تاللاش قىزغىنلىقى» قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تىرىشىپ ئاممىنىڭ «ئىشىكى ئالدىدىكى ياخشى مەكتەپ»نى ياخشى باشقۇردى.

قەشقەر ۋىلايىتىدىكى شەھەر - يېزىلارنىڭ مائارىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى سىجىل ئۆسۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئىقتىدارى، ساپاسى ئومۇميۈزلۈك ئەلالىشىپ، شەھەر بىلەن يېزا ئارىسىدىكى، مەكتەپلەر ئارىسىدىكى پەرق كىچىكلىتىلىپ، مائارىپ ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىدىغان «تېز سۈرئەتلىك يول»غا كىرىپ، ھەربىر بالىنى قالتىس پۇرسەتتىن بەھرىمەن قىلدى، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇشنى ھەقىقىي تۈردە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.

ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولدى، «ياشانغانلار، بالىلار»نىڭ ساغلاملىق توسۇقىنى قوغدىدى

«ئىلگىرى كىچىك كېسەل بولسا ناھىيە بازىرىغا، چوڭ كېسەل بولسا قەشقەر شەھىرىگە باراتتۇق، ھازىر كىچىك كېسەل بولسۇن، چوڭ كېسەل بولسۇن، ئىشىكىمىز ئالدىدىلا كۆرسىتەلەيدىغان بولدۇق.» يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرى چۈرۈچ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئالىمجان ئەيسا مۇنداق دېدى: «داۋالاش كاپالەتكە ئىگە بولغاندىلا، پەرزەنتلەر خاتىرجەم ئىشلىيەلەيدۇ».

ساغلاملىق توسۇقىنى قوغداپ، «ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، قەشقەر ۋىلايىتى دىققەتنى ساغلاملىق مۇلازىمىتى خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قاتتىق تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، «ياشانغانلار، بالىلار»نىڭ ساغلاملىق قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىدىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 4 مىليون 66 مىڭ 100 كىشى بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 60 ياشتىن ئاشقان ئاھالىلەردىن سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 350 مىڭ 500 كىشى. ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

قەشقەر ۋىلايىتى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بېقىلىدىغان كىشىلەر(بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا كۆرۈلگەن سىياسەت دائىرىسىدە دوختۇرخانىدا يېتىش خىراجەت چىقىمىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى ئارقىلىق ئاتچوت قىلدۇرغاندىن كېيىنكى شەخسلەر ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجەتكە تولۇق سوممىلىق قۇتقۇزۇش ياردىمى بەردى.

خەلققە پايدا يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش غېمىنى ھەل قىلدى. قەشقەر ۋىلايىتى ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، «ياشانغانلار، بالىلار» ئۈچۈن ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە مۇلازىمەت بىخەتەرلىكى تورىنى بارغانسېرى زىچ توقۇپ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان جەمئىيەت مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، «ياشانغانلار، بالىلار»نىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا تىرەك بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.