سېكېر قۇسان:
چېۋەر قولى بىلەن بەختنى كەشتىلەپ چىقتى
□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى
«بۇ نەقىشلەر ئائىلىنىڭ بەختلىك، ئىشلارنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئاپام ئەينى يىلى ماڭا كەشتىلەپ بەرگەن قىز مېلىغا ئوخشاش، ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ داۋاملاشتۇرىمىز، ھەممىسى بەخت تىلەشتۇر.» 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى قاينار مىللىي قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، 53 ياشلىق سېكېر قۇسان ئوغلىنىڭ تويى ئۈچۈن تەييارلىغان زىلچىنى بىر يىپ - بىر يىپتىن كەشتىلەۋاتقان بولۇپ، كۆزلىرىدە بەخت جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ كەشتىچىلىك ئەسىرىنى كەشتىلەۋاتقىنىغا ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقىت بولغان بولۇپ، پۈتۈش ئالدىدا تۇراتتى.
قازاق مىللىتى كەشتىچىلىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى، شىنجاڭ ھۈنەر - سەنئەت ئۇستىسى سېكېر كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك مىللىي كەشتىچىلىك ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، كىيىم - كېچەك لايىھەلەش مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىمۇ شىنجاڭدىن پۈتۈن مەملىكەتكە، ھەتتا چەت ئەللەرگىچە سېتىلدى. بۇ جەرياندا تارتقان جاپا ۋە ھالاۋەتلىرىنى ئەسلىگىنىدە، ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلاتتى.
سېكېر بەش يېشىدىن باشلاپلا چوڭلارغا ئەگىشىپ كەشتە تىككەن. 1994 - يىلى سېكېر قىزىقىشىنى كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، كەشتىچىلىك ھۈنىرى بىلەن پۇل تاپماقچى بولدى. دەسمايىسى بولمىغاچقا، ئۇ قىز مېلى ئىچىدىكى قىزىل دۇخاۋا پەردىنى كېسىپ، كۆڭۈل قويۇپ چىرايلىق نەقىشلەرنى كەشتىلەپ جىلىتكە تىكىپ، ئېرى جېڭىسبول دەكەننى سېتىپ كېلىشكە ئەۋەتتى، ئويلىمىغان يەردىن ناھايىتى تېزلا سېتىلىپ تۈگىدى.
بۇ ئىش سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، سېكېر بىلەن جېڭىسبول چوڭلاردىن يوشۇرۇنچە تويغا تەييارلانغان ئۆيىنى سېتىۋېتىپ، كەشتىچىلىك سودىسى قىلىشقا باشلىدى. سېكېر ھەر كۈنى تاماق يېگەن، ئۇخلىغاندىن باشقا چاغلاردا كەشتە تىكتى، بىر كۈندە ئاز دېگەندە ئون سائەت كەشتە تىكتى.
2006 - يىلى ئۇ شىركەت ئېچىپ، شۇ جايدىكى ئاياللارنى كەشتىچىلىك ماھارىتىنى ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلىدى، ھازىر شىركەتتە 68 خىزمەتچى بار بولۇپ، ھەممىسى شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلار.
گەرچە زاۋۇتتا كەشتە تىكىش ماشىنىسى بولسىمۇ، لېكىن سېكېر ئىزچىل ھالدا قولدا كەشتىلەشنى تاشلىمىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆزى بىر يىپ - بىر يىپتىن كەشتىلەپ چىقسا، ئۇنىڭغا ھېسسىيات ۋە ئىللىقلىق سىڭىدىكەن، نەقىش، رەڭلەرنىڭ ماسلىشىشىمۇ تەڭداشسىز چىقىدىكەن. سېكېرنىڭ چوڭ ئوغلى باغدۆۋلەت جىڭىسبول مۇنداق دېدى: «ھەر كۈنى ئاپام كەشتە تىكمەيۋاتقان بولسىلا، كەشتە تىكىش يولىدا كېتىۋاتقان بولىدۇ، ھەتتا يولدا كېتىۋېتىپمۇ قانداق كەشتىلەشنى ئويلايدۇ».
سېكېرنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، كىچىك چېغىدا مومىسى، ئاپىسىدىن نۇرغۇن كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگىنىۋالغان بولۇپ، كەشتىلەش ئۇسۇلىلا 16 خىل ئىكەن، يەنە رەخت چاپلاپ كەشتىلەش، يۇڭ يىپ بىلەن كەشتىلەش قاتارلىق كەشتىلەش ئۇسۇللىرى بار ئىكەن، ئۇ بۇ ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۇرسەت بولسىلا، سېكېر تەربىيەلەشكە ياكى كۆرگەزمىلەرگە قاتنىشىپ، باشقىلارنىڭ كەشتىچىلىك ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، كەشتىلەش ئۇسۇللىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇردى. ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاش بىلەن بىللە، ئۇ كۆپ قېتىم كەشتىچىلىك كۇرسى ئېچىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنى تەربىيەلىدى.
چوقبارتاش يېزىسى چىچېڭزى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى باقىت توقاننىڭ شىركەتتە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 12 يىل بولدى. ئىلگىرى ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنىڭ ھەممىسى ئېرىنىڭ مال بېقىشىدىن كېلەتتى، ھازىر ئۇ تېخنىك ئىشچىدىن تېخنىكا ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلاندى، ئايلىق مائاشى 6000 يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ. «سېكېر ھەدەم بولغاچقا، ھازىر مېنىڭ ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمىم بار بولدى، نەزەر دائىرەممۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ» دېدى باقىت.
باقىتقا ئوخشاش نۇرغۇن ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ئۆيدىن چىقىپ، كەشتىچىلىككە تايىنىپ پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن سېكېر ناھايىتى مەمنۇن بولغان ھالدا: «مەن ئەتراپىمدىكى تېخىمۇ كۆپ ئائىلە ئاياللىرىنىڭ كەشتىچىلىك ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.