تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سىستېمىسى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىنى مەركەزلىك يەتكۈزدى، ئۆگەندى

يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سىستېمىسى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سىستېمىسىدا پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈشنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش بۇرغىسى چېلىندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىدىن ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىش ۋە ئۇنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن قويۇق ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. نەزەرىيە جەھەتتىن شەرھلەشنى ياخشى تۇتۇپ، تەتقىقاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات، شەرھلەش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت تەشۋىقاتىنى ياخشى تۇتۇپ، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان ئاممىۋى تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشى، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭ ساقلاش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە بازىسى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىزم، زوراۋان - تېررورىزمنىڭ سىڭىپ كىرىشى، بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، گۈللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىستېما تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كېيىنكى ئىككى ئايلىق تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. ئۈزلۈكسىز تۈردە نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلقنى مايىل قىلىش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش» بۇرچ، ۋەزىپىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئىلغار تىپلار ۋە تەسىرلىك ئىش ئىزلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۈرلۈك ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز تۈردە داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.