تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلقنى مەركەز قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (5)

□گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

«مەن كىم، كىم ئۈچۈن ئىشلەيمەن، كىمگە تايىنىمەن» تەرەققىياتنىڭ نىشانى ۋە يۆنىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك، پارتىيەنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە مۇناسىۋەتلىك. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا جەزمەن بۇ دەۋر سوئالىغا ياخشى جاۋاب بېرىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش تەكىتلەندى.

خەلقنى مەركەز قىلىش پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ئىپادىلەيدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋردىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈپ تەلىپى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.» 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجىنىڭ بىر قاتار سۆزىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ماھىيىتى خەلقنى مەركەز قىلىش ئىكەنلىكى چوڭقۇر شەرھلەندى، «كىم ئۈچۈن ئىشلەيمەن، كىمگە تايىنىمەن»دىن ئىبارەت بۇ چوڭقۇر سوئالغا ئىلمىي جاۋاب بېرىلدى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ساقلىدى. 2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.2 ئاشتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئېشىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەر كۈنسايىن مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، شەھەر - بازار قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە كاپالىتى كۈچەيتىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ نامايان قىلىندى.

ئۆتكەن بەش يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، «خەلقنى مەركەز قىلىش» باشتىن - ئاخىر ئېنىق ئاساسىي لىنىيە بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى»نى كۈرەش نىشانى قىلدى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلدى؛ تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشقا تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى؛ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم «تورت»نى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ھەم «تورت»نى ياخشى تەقسىملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىگە ئۇيغۇنلىشىپ، «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش»تىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

بەش يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

كەلگۈسى بەش يىلدا، بىز تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك؛ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك؛ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك؛ ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى يېتىلدۈرۈش، شىمالىي شىنجاڭ شەھەر بەلبېغى قۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدا شەھەرلەر توپى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىشىمىز كېرەك؛ مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە تىرىكىنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا تۇتۇشىمىز، ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇشىمىز، ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، يېڭى مۇساپە باشلاندى. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىدىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.