تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۇل مۇئامىلىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىش سالمىقى سىجىل زورايدى

9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 950 مىليارد 550 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئاشتى

پۇل مۇئامىلىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىش سالمىقى سىجىل زورايدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 950 مىليارد 550 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئاشقان، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە تىرىكى بىلەن تەمىنلىگەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى قاتارلىق 11 تارماق بىلەن بىرلىشىپ «شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى قوللاپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىق ئالتە مەخسۇس تۈر ھۆججىتىنى چىقىرىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، بانكا ۋە كېپىللىك شىركەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق تەرەپلەردىن سىياسەت جەھەتتە قوللاش رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا پۇل - مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

«بىز ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى قوللاش سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 2020 - يىلى ۋە ئىلگىرى تارقىتىلغان نامراتلارنى يۆلەش تەكرار قەرز پۇلىنىڭ مۇددىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئۇزارتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، كىچىك كارخانىلارنى قوللاش تەكرار قەرز پۇلىنى تولۇق ئىشلىتىپ، ياخشى ئىشلىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان ساھەلەرگە قەرز بېرىش سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلىدۇق. 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە نامراتلارنى يۆلەش تەكرار قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 10 مىليارد 830 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.8 ئاشتى» دېدى جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى پۇل كىرېدىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى سۈن جىدۇڭ.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسقا بېرىلىدىغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ دەرىجە بويىچە بىرلىشىپ قاراپ چىقىش» «بەش كىشى بىرلىشىپ تەكشۈرۈش» قاتارلىق ئەسلىدىكى خىزمەت مېخانىزمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەر ۋە نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاسانلا نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەرنى داۋاملىق تۈردە تولۇق سوممىلىق ئۆسۈم ياردىمىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسقا بېرىلىدىغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بىلەن قوللىدى. 7 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسقا بېرىلىدىغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 10 مىليارد 450 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 295 مىڭ ئاھالىگە نەپ يەتكۈزدى.

«بىز يەنە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلى قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلەپ، نۇقتىلىق ھالدا ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشى قاتارلىق ساھەلەرنى كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە مەدىتى بىلەن تەمىنلىدۇق» دېدى سۈن جىدۇڭ. 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى قالدۇق سوممىسى 3 مىليارد 540 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.2 ئاشتى، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك قەرز پۇلىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 35.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

«يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى رەنە بۇيۇمى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى دېھقان ئائىلىلىرى، يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كارخانىلارغا قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئۇرۇقلۇق ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش، تىرىك چارۋىلارنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تورغا چىقىرىپ، «پاختا باھا سۇغۇرتىسى+قەرەللىك مال»دىن ئىبارەت خەۋپ - خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش ۋە «ھۆكۈمەت+بانكا+شىنجاڭغا ياردەم بېرىش»تىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەندىزىلەرنى يېڭىلىق يارىتىپ يولغا قويۇپ، قەرز پۇلغا ئېرىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈردى.

جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى يەنە پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق قوللاش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسى ئاجىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋەزىپىسى بىرقەدەر ئېغىر بولغان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسىنى تاللاپ «پۇل مۇئامىلە ياردىمى ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈلگە قۇرۇلۇشى»نى بەرپا قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەقلىي جەھەتتىن مەدەت بېرىشتىكى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

سۈن جىدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى باسقۇچتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش پۇل مۇئامىلە تۇپرىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مايىللاشتۇرۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يەرلىك خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى بېيىتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.