تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىق

− قىزىل قىيا روھى توغرىسىدا بايان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ مىن، چېن گوجوۋ، جوۋ ۋېنچۇڭ

«قىزىل مېيخۇا گۈلى ئېچىلدى قىزىل قىيادا، مىڭ يىللىق مۇز ـ قىروۋ كۆمۈلدى ئاياغ ئاستىغا. زىمىستان سوغۇق قورقۇتالماس ھېچبىر، تەلپۈنگەچ سادىق قەلب ئوتلۇق قۇياشقا...»

قىزىل قىيا جۇغراپىيەلىك ئۇقۇم بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر مەنىۋى بەلگە.

80 ـ 70 يىللار ئىلگىرى، بىر توپ جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش قەتئىي ئېتىقادىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن قۇربان بېرىشتەك مەردانە ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئالىيجاناب ئىدىيەۋى مەنزىل ۋە قالتىس سىياسىي ئەقىل ـ پاراسىتى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رايوندىكى جاپا ـ مۇشەققەتكە، خەۋپ ـ خەتەرگە تولغان مۇرەككەپ مۇھىتتا كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقماي باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، ئۆچمەس مەنىۋى ئابىدە تىكلىگەنىدى.

ئېگىلمەس ـ سۇنماس روھ بىلەن ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىق

«ئېغىر قىيىن ـ قىستاققا ئېلىپ، قاتتىق ئۇرۇش تولىمۇ ئەرزىمەس بىر سىناق. بامبۇك زىخچىسى بامبۇكتىن ياسالغان، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىرادىسى پولاتتەك مۇستەھكەم!»

1948 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن، يەر ئاستى پارتىيە ئەزاسى جياڭ جۇيۈن بەختكە قارشى قولغا ئېلىنىپ، چۇڭچىڭدىكى جازىدۇڭ تۈرمىسىگە قامالدى. گومىنداڭ ئىشپىيونلىرى ھەر خىل دەھشەتلىك قىيىن ـ قىستاقلارغا ئېلىپ، بۇ ياش ئايال كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنى بويسۇندۇرۇپ، يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلاتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. قاتتىق قىيىن ـ قىستاقلار ئالدىدا، ئۇ باشتىن ـ ئاخىر تىز پۈكمىدى.

1949 ـ يىلى چۇڭچىڭ ئازاد بولۇش ئالدىدا، يېڭى جۇڭگوغا چەكسىز تەلپۈنگەن جياڭ جۇيۈن قاتارلىق ئىنقىلابىي ئىرادىلىك كىشىلەر قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.

چۇڭچىڭ − قەھرىمانلار تۇپرىقى، شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئاشۇ بوران ـ چاپقۇنلۇق يىللاردا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جەنۇب بىيۇروسىنىڭ پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىنقىلابىي ئىرادىلىك كىشىلەر ئالىيىجاناب ئىدىيەۋى مەنزىلى، قەتئىي غايە ـ ئېتىقادى، غايەت زور پەزىلەت كۈچى ۋە ئۇلۇغۋار ئىنقىلابىي توغرا كەيپىيات ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئەۋلادلارغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جەنۇب بىيۇروسىنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن جياڭ جۇيۈن، چېن رەن قاتارلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى تۈرلۈك دەھشەتلىك قىيىن ـ قىستاقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى بېغىشلاپ، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بىلەن ئۇلۇغ قىزىل قىيا روھىنى مۇجەسسەملىدى، جازىدۇڭ، بەيگۇڭگۇەنلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇلارنىڭ ئېگىلمەس ـ سۇنماس روھى، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىقتەك قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى قالدى.

بۈگۈنكى كۈندە جازىدۇڭ تۈرمىسىنىڭ ئەسلىي ئورنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسىغا ئايلاندى، كىشىلەر ھەرقايسى جايلاردىن كېلىپ قەھرىمانلارنى ياد ئەتتى، تارىخنى ئەسلىدى. قاراڭغۇ قاماقخانا، قورقۇنچلۇق جازا قوراللىرى ئالدىدا، كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا شۇنى سورىدى: ھايات شۇنچە قەدىرلىك، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى جان پىدا قىلدۇرغان زادى نېمە؟ ئەركىنلىكنىڭ قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى، ئىنقىلابىي ئىرادىلىك كىشىلەرنى قان ئاققۇزۇپ قۇربان بېرىشتىن باش تارتماي يولۋاس ئۇۋىسىغا چوڭقۇرلاپ كىرگۈزگەن زادى نېمە؟

جاۋاب: دەل ئېتىقاد!

دۈشمەننىڭ قاتتىق قىيىن ـ قىستاقلىرى ئالدىدا، «ئالغا گېزىتى»نىڭ ئالاھىدە ياچېيكا شۇجىسى چېن رەن تۈرمىدە «مېنىڭ <ئىقرارنامەم>» ناملىق ماقالىسىنى يېزىپ مەردانىلىك بىلەن ئۆلۈمگە يۈزلەندى، ئۇ ھاياتى بىلەن پارتىيەگە بولغان تەنتەنىلىك قەسىمىنى ئادا قىلدى: «تىنىقىملا بولىدىكەن، ئىنقىلاب ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن!»

«بارلىق قىيىنچىلىقلارغا قەتئىي يۈزلىنىپ، بايرىقىمىزنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرايلى!» لو شىۋېن قاتارلىق يولداشلار تۈرمىدە مەخپىي ھالدا ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇپ، تۈرمىداشلىرىنى يېتەكلەپ دۈشمەنگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلدى.

1949 ـ يىلى باھار بايرىمىدا، جازىدۇڭ تۈرمىسىدە، تۈرمىداشلار ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ياڭراتتى، «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نى دېكلاماتسىيە قىلدى، يالقۇن كەبى قايناق ھېسسىياتلىق تىللار پەلسەپەۋى ئەقىل ـ پاراسەتكە تولغان بولۇپ، ھەقىقەت نۇرى ھەربىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ روھىي دۇنياسىنى يورۇتتى.

...

بۇ باتۇر، قورقماس ئىنقىلابچىلار ۋە بەختكە قارشى قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ كۆپىنچىسى يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەكتىن غەم قىلمايدىغان باي ئائىلىلەردىن كېلىپ چىققان. ئىنقىلابقا ئاتلىنىش، جان پىدا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تاللاش «مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىش»تىن ئىبارەت قەتئىي ئېتىقادتىن كەلگەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان، پارتىيەمىز نۇرغۇن جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر، قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، قىيىنچىلىق باش ئەگدۈرەلمىدى، دۈشمەنمۇ يىقىتالمىدى. مۇستەھكەم غايە ـ ئېتىقادنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىنقىلابىي ئىرادىلىك كىشىلەر جاپا ـ مۇشەققەتتە قەددىنى رۇسلاپ، دۈشمەن بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىگە تەسىرلىك ۋە شانلىق سەھىپىلەرنى پۈتتى.

ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ، مەڭگۈ خىسلىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك

چۇڭچىڭدىكى جۇڭگو سەنشيا مۇزېيىدا ئۈچ كۈمۈش تەڭگە ساقلانغان. ئۇزاق يىللار ئۆتتى، كۈمۈش تەڭگە يىللارنىڭ ئىزنالىرى بىلەن تولدى.

1941 ـ يىلى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى شياۋ لىن قىزىل قىيا 8 ـ ئارمىيە چۇڭچىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىدا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ «دېڭىزغا چۈشۈپ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش» يوليورۇقىنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيە پائالىيىتى ئۈچۈن خىراجەت توپلىدى. قۇرۇلغان شىركەت ئۆز بۇرچىنى تاماملىغاندا، شياۋ لىن ئەر ـ خوتۇن بىر قېتىمدىلا تەخمىنەن 120 مىڭ سەر ئالتۇنغا باراۋەر قالدۇق مەبلەغ ۋە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان مۇقىم مۈلۈكنى تاپشۇرۇپ، ئۈچ كۈمۈش تەڭگىنىلا خاتىرە ئۈچۈن ئېلىپ قالدى.

بۇ ئۈچ كۈمۈش تەڭگە قىزىل قىيا روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ نىلۇپەرگە ئوخشاش لايدا ئۆسسىمۇ ئۆزىگە لاي يۇقتۇرمايدىغان، ئۆزىنى پاك تۇتىدىغان، ئۆزىنى قاتتىق تەربىيەلەپ، مەڭگۈ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولىدىغان سىياسىي خىسلىتىگە گۇۋاھ بولدى.

قىزىل قىيا روھىنىڭ قىممەتلىك ۋە ئالاھىدە بولۇشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رايونلاردىكى ئىنقىلاب ئەمەلىيىتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەينى چاغدا ئاق تېررورلۇق ئېغىر بولۇپ، پارتىيەلىك يولداشلار ئالاھىدە مۇھىتقا دۇچ كەلگەن، ئالاھىدە ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغانىدى، ئۇلار ھەم دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلىشى، ھەم جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن دوست بولۇشى؛ ھەم بۇيرۇققا قاتتىق بويسۇنۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، ھەم ئەقىل ـ پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشى؛ ھەم ھەر ۋاقىت «ھايات ـ مامات»لىق سىناققا بەرداشلىق بېرىشى، ھەم يۇقىرى مەنسەپ، كاتتا مائاش ۋە چىرىك تۇرمۇشنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك ئىدى.

مۇشۇنداق خىلمۇخىل ئىشلار ئالدىدا، قانداق قىلغاندا ئەسلىي مەقسەتنى ساقلىغىلى، نىشاندىن ئاداشماي، خىسلەتنى ئۆزگەرتمەي تۇرغىلى بولىدۇ؟

ئىنتىزام ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەپ تۇرىدۇ؛ ئېتىقاد ۋە پەزىلەت بولسا، ئادەمگە تاشقى چەكلىمە كەمچىل ۋاقىتتا، ئۆز خىسلىتىنى چىڭ ساقلاتقۇزالايدۇ.

1943 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 45 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە، جوۋ ئېنلەي «مېنىڭ تەربىيەلىنىشىمدىكى مۇھىم پىرىنسىپ» − «تىرىشىپ ئىشلەش، پىلانلىق، نۇقتىلىق، تەرتىپلىك بولۇش» «مەڭگۈ ئاممىدىن ئايرىلماسلىق» «ئۆز يېتەرسىزلىكىنى كونكرېت تۈزىتىش» قاتارلىق يەتتە ماددىنى يازدى. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، قىممەت ئىنتىلىشى، روھىي قىياپەت، سىياسىي پەزىلەت... جەنۇب بىيۇروسىنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى نۇرغۇن قىممەتلىك مەنىۋى پەزىلەت مىراسلىرىنى قالدۇردى.

قىزىل قىيا ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ تۈرمىدىكى پىكرىگە ئاساسەن يەكۈنلەپ چىقىلغان «تۈرمىدىكى سەككىز ماددا»نىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك رېئال يېتەكلەشچانلىقى بار. بۇ قىممەتلىك ئىنتىزاملار ئىنقىلابچىلار ئىسسىق قېنى ئارقىلىق پۈتكەن ساداقەتمەنلىك، كېيىنكىلەرنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل»نى يېشىشىگە قالدۇرغان جاۋابلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى ئاگاھ خاتىرىسى.

روھنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلەش

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پەقەت مەنىۋى جەھەتتىن پۇت تىرەپ تۇرالىغاندىلا، مەزمۇت تۇرالىغاندىلا، بىر مىللەت ئاندىن تارىخ ئېقىنىدا تەۋرەنمەي مەزمۇت تۇرالايدۇ، دەۋر ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرالايدۇ».

مەيلى ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان يىللاردا قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغاندا بولسۇن، ياكى تىنچلىق يىللىرىدا شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاشتا بولسۇن، ئەۋلادمۇئەۋلاد قەھرىمان ئوغۇل ـ قىزلار سانسىزلىغان ئەگرى ـ توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، سانسىزلىغان قۇربانلارنى بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئازاب ـ ئوقۇبەتتىن پارلاق مەنزىلگە يۈزلەنگەنلىكىدەك گۈللىنىش يولىنى بەرپا قىلدى. ئۇلارنىڭ قەددى مەردانە؛ ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ روھى كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، كوممۇنىستلارنىڭ ئېتىقاد بايرىقى ئاستىدا، قىزىل قىيا روھىنىڭ كۈچلۈك چاقىرىقىدا، بارغانسېرى كۆپ كىشى ئۆكۈنمەس تاللاشنى چىقاردى −

چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، مائارىپنىڭ بىرىنچى سېپىدە 40 نەچچە يىل ئىشلىگەن جاڭ گۇيمېي مۇئەللىم 1800دىن ئارتۇق قىزنىڭ ئىمتىھان بېرىپ داشۆگە قوبۇل قىلىنىپ تاغدىن چىقىشىغا ياردەم بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جياڭ ھەدە مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئۈلگەم، مەن <خۇڭمېيغا مەدھىيە>نى ئېيتىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن».

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەمۇنىچىسى، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ ۋۇشەن ناھىيەسى جۇشيەن يېزىسى شياجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ماۋ شياڭلىن ئەۋلادمۇئەۋلاد تاغدا بېكىنمە ھالەتتە ياشاشتەك تەقدىرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ يەتتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تىك قىيادا تاغدىن چىقىش يولى ئېچىپ، 15 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىشقا يېتەكلىدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە ئۇدا 20 نەچچە كۈن جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان چۇڭچىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى شاپىڭبا رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى فېڭۋېن ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى پەن جىمىڭ تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ بەختكە قارشى ۋاپات بولدى، بۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 51 ياشتا ئىدى. بۇ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ھاياتى ئارقىلىق ساقچى بولۇش مۇراسىمىدىكى قەسىمىنى شەرھلىدى: «قىزىل قىيا روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۇقرالارنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن ئۆزۈمنى بېغىشلايمەن، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن!»

...

ئادەمدە روھ بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دۆلەتتە روھ بولمىسا قۇدرەت تاپالمايدۇ. ئىنقىلابىي ئىرادىلىك كىشىلەر ۋە دەۋر نەمۇنىچىلىرىنىڭ ساداقىتى، قان ـ تەرى ھەتتا ھاياتى بىلەن پۈتۈپ چىققان ئىش ئىزلىرى بىزگە «قەيەردىن كەلگەنلىكىمىز، قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىز»نى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ، بىزنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېننى قان تومۇرىمىزغا سىڭدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ روھقا ئېھتىياجلىق. بىز قىزىل قىيا روھىغا زور كۈچ بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۈزۈلدۈرمەي، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، قىممەتلىك روھ ئارقىلىق ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يورۇتۇپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتىنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلىساق، چوقۇم دەۋر ئېقىنىدا قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.